كېچىك قىزچاقنىڭ لىچەك سالماي بېشى ئوچۇق ناماز ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 103431

كېچىك قىزچاقنىڭ لىچەك سالماي بېشى ئوچۇق ناماز ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەگەر قىزچاق بالاغەتكە يەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « بالاغەتكە يەتكەن قىزلارنىڭ لېچەكسىز ئوقۇغان نامىزىنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ». بۇ ھەدىس بالاغەتكە يەتمىگەن بولسا بولىدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۇ كېچىك قىزچاق بالاغەتكە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن لېچەكسىز ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ يەتتە ياش ياكى ئۇنىڭدىن زىيادە بولسا، نامازنى لېچەك بىلەن ئوقۇغىنى ياخشى بولىدۇ، ئەمما يەتتە ياشتىن كېچىك ئوغۇل-قىزلار بولسا ئۇلار ئىبادەت ئەھلىدىن ئەمەس، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كېرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ ناماز ئوقۇمىسا ئۇلارنى ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار». ["شەيخ بىن باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 200-بەت].

مەرجەلەر

نامازنىڭ سۈپەتلىرى

مەنبە: 

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

App StoreGoogle Play