0 / 0
27/ذو الحجة/1446 , 23/ئىيۇن/2025

نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى توغرىسىدا

سوئال: 8918

مەن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدۇم، مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بىلىشنى خالايمەن، بۇنىڭ دەلىلى نېمە؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سىزنى ئىسلام دىنىغا كېرىشكە ھىدايەتنى پۈتىۋەتكەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. بۇ كاتتا نېمەت ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېتىش ۋە ھەمدۇ -سانا ئېيتىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىككىنچى: مۇسۇلمان نامازنىڭ ئىسلامدىكى ئەڭ كاتتا ئەمەللەرنىڭ ئاساسى ئىكەنلىگىنى ۋە بۇنىڭ مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پاسىل ئىكەنلىكىنى بىلىشى زۆرۈردۇر. بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان بىلەن مۇشرىك ۋە كاپىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر» [ مۇسلىم رىۋايىتى 82-ھەدىس].

ئۈچىنچى: پىقھىچى ئالىملار (ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلاردا بولدى:

ئۇ قاراشلارنىڭ ئەڭ توغرىسى: نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ۋاجىپ بولۇپ، شەرئى دەلىللەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

بۇ:  ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ، ھەسەن ئەلبەسەرى، ئابدۇرەھمان ئەۋزائى، ئەبى سۈر قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىنىڭ كۆرۈنىشىمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام شافىئى بۇنىڭغا دەلىل بايان قىلغان بولۇپ: "مۇختەسەر ئەلمۇزەنى"دە مۇنداق دېگەن: "ئۈزۈرسىز جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشنى تەرك قىلىشقا رۇخسەت قىلمايمەن". شەيخ ئىبنى باز ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىدى.

نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدىن:

-ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا كُنتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِّنْهُم مَّعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِن وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُم مَّيْلَةً وَاحِدَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِن كَانَ بِكُمْ أَذًى مِّن مَّطَرٍ أَوْ كُنتُم مَّرْضَىٰ أَن تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُّهِينًا تەرجىمىسى: « (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادقا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياجلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خور قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى» [سۈرە نىسا 102-ئايەت].

ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ قورقۇنچلىق ھالىتىدە نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇشى بولسا، تىنچلىق ھالەتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر. ["ئەلئەۋسەت" 4-توم 135-بەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىدىكى ئايەت بىلەن دەلىل ئېلىش بىر قانچە يول بىلەن بولىدۇ:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا ئايەتتە ئۇلارنى نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا بۇيرىدى، ئاندىن ئاللاھ تائالا بۇ بۇيرۇقنى يەنە قايتىدىن بىرىنچى قېتىم ناماز ئادا قىلمىغان ھەققىدە تەكرار كەلتۈردى: «ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن»، بۇ ئايەت، ھەر بىر كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىرىنچى تائىپەنىڭ نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشى بىلەن بۇنى ئىككىنچى تائىپەدىن چۈشۇرۋەتمىدى، ئەگەر نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش سۈننەت بولغان بولسا ئېدى، قورقۇنچتىن بولغان ئۈزۈر ئۇنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ئەڭ لايىق ئۈزۈر ئېدى، ئەگەر پەرز كۇپايە بولغان بولسا ئېدى، بىرىنچى تائىپەنىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلىشى بىلەن بۇ ئىككىنچى تائىپەدىن چۈشۈپ كېتەتتى.

ئايەتتە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ھەر بىر كىشىگە پەرز ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى باردۇر. بۇ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىش بىلەن بولىدۇ: بىرىنچى قېتىم نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا بۇيرۇش، ئاندىن ئىككىنچى قېتىم يەنە بۇيرۇش، قورقۇنچلۇق ھالەتتىمۇ ئۇلارغا نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنى تەرك قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق قاتارلىقلار. ["ناماز ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى" 137-138-بەتلەر].

2-ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَارْكَعُوا مَعَ الرَّاكِعِينَ تەرجىمىسى: «نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار» [سۈرە بەقەرە 43-ئايەت].

بۇ ئايەتتىكى دەلىلنىڭ يوللىرى: ئاللاھ تائالا ئۇلارنى رۇكۇ قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ نامازدىن ئىبارەتتۇر، نامازنى نامازنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان رۇكۇ بىلەن ئىپادىلىدى، ناماز دېگەن سۆزدىن نامازنىڭ ئاساسلىرى، پەرز-ۋاجىپلىرى ئىپادىلىنىدۇ، خۇددى ئاللاھ تائالا نامازنى سەجدە، قۇرئان ۋە تەسبىھ دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىغاندەك، «رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار» دېگەن سۆزدە چوقۇم يەنە بىر پايدا بار، ئۇ بولسىمۇ نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشتۇر. ئايەتتىكى رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە دېگەن سۆز بۇنى بىلدۈرىدۇ. دەلىل بېكىتىلىدىكەن بۇ ئىش مەلۇم سۈپەت ياكى ھالەت بىلەن بولىدۇ، بۇيرۇققا بويسۇنۇش پەقەت مۇشۇ سۈپەت ياكى ھالەت بىلەن ئادا قىلىنغاندا بولىدۇ، ئەگەر بۇ قاراش ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىگە زىت دېيىلسە: ‎يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ تەرجىمىسى: «ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل» [سۈرە ئال ئىمران 43-ئايەت].

ئايال كىشىگە نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن جامائەتكە ھازىر بولۇش ۋاجىپ ئەمەس، مۇنداقمۇ دېيىلگەن: "بۇ ئايەت ھەممە ئاياللارنى ئۆز ئېچىگە ئىلىشنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى مەريەم ئەلەيھىسسالامغا خاس بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىڭلار» دېگەن ئايىتىگە ئوخشىمايدۇ. مەريەم ئەلەيھىسسالامدا باشقا ئاياللاردا بولمىغان بىر خۇسۇسىيەت -ئالاھىدىلىك بار، چۈنكى ئۇنى ئانىسى ھامىلدار ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ ئىبادىتى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەسچىتىنى لازىم تۇتۇپ ئۇنىڭدىن ئايرىلماسلىقى ئۈچۈن نەزىر قىلىۋەتكەن، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەھلى بىلەن ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغان، ئۇنى ئاللاھ تائالا تاللىغان ۋە شۇ زاماندىكى ھەممە ئاياللاردىن پاك قىلغاندا، باشقا ئاياللارسىز ئۇنىڭغا خاس قىلغان بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَإِذْ قَالَتِ الْمَلَائِكَةُ يَا مَرْيَمُ إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَاكِ وَطَهَّرَكِ وَاصْطَفَاكِ عَلَىٰ نِسَاءِ الْعَالَمِينَ ‎، يَا مَرْيَمُ اقْنُتِي لِرَبِّكِ وَاسْجُدِي وَارْكَعِي مَعَ الرَّاكِعِينَ تەرجىمىسى: «پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن) تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى، ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل» [سۈرە ئال ئىمران 42-43-ئايەتلەر].

ئەگەر: ئۇلارنىڭ رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن رۇكۇ قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى، ئۇلار رۇكۇ قىلغان ھالىتىدە ئۇلار بىلەن بىرگە رۇكۇ قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇلار قىلغاندەك ئىشنى كەلتۈرۈشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە تەۋبە 119-ئايىتىدىكى: ‏يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار» دېگەن ئايىتىگە ئوخشاش بىرگە بولۇش دېگەن قىلغان ئىشتا ئورتاق بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، شۇ ئىشنى بىرگە قىلىشنى لازىم تۇتمايدۇ دېيىلسە، بۇنىڭغا دېيىلىدۇكى: بىرگە بولۇش دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىتى، كېيىنكىنىڭ ئالدىنقىغا ھەمرا بولىشىدۇر، مۇشۇ ھەمراھ بولۇش، بولۇپمۇ نامازدا شېرىكلىككە زىيادە بولغان بىر ئىشنى پايدا بېرىدۇ. ئەگەر بىرسىگە: جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغىن دېيىلسە، ياكى مەن: جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇدۇم دېسە، بۇنىڭدىن پەقەت ئۇلارنىڭ نامازدا بىرگە جۇغلانغانلىقى چۈشىنىلىدۇ. ["ناماز ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى" 139-141-بەتلەر].

3-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەن ساھابىلارنى ئوتۇن يېغىپ كېلىشكە بۇيرۇپ، ئوتۇن ئېلىپ كەلسە، نامازغا بۇيرۇپ ئەزان ئېيتىلسا، ئاندىن بىر كىشىنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ نامازنى ئادا قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇپ، ئاندىن جامائەتكە كەلمىگەن ئەرلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۇرىۋېتىشنى مەقسەت قىلدىم، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى -يەنى جامائەتكە كەلمىگەنلەرنىڭ بىرى- خۇپتەن نامىزىغا ھازىر بولسا سېمىز قوينىڭ پاقالچىقىنى -كۆپ مالغا ئېرىشىدىغانلىقىنى- تاپىدىغانلىقىنى بىلسە ئېدى، ئەلۋەتتە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا كېلەتتى» [بۇخارى رىۋايىتى 618-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 615-ھەدىس].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدا ئېرىشىدىغان پايدا-مەنپەئەتلەرنى بىلسە ئېدى بۇ ئىككى نامازغا ئۆمىلەپ بولسىمۇ كېلەتتى، مەن نامازغا بۇيرۇپ ئازان ئېيتىلسا، ئاندىن بىر كىشىنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ نامازنى ئادا قىلىپ بېرىشكە بۇيرۇپ، ئاندىن جامائەتكە كەلمىگەن ئەرلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۇرىۋېتىشنى مەقسەت قىلدىم» [بۇخارى رىۋايىتى 626-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 651-ھەدىس].

ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جامائەتكە كەلمىگەن كىشىلەرنى كۆيدۈرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىشى، پەرز نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرز بولمىغان، سۈننەت ياكى مۇستەھەپ ئىشقا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىنى كۆيدۈرىۋېتىشنى مەقسەت قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ". ["ئەلئەسەت" 4-توم 134-بەت].

سەنئانى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ پەرز كۇپايە ئەمەس بەلكى پەرز ئەين ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر پەرز كۇپايە بولغان بولسا ئېدى، بەزىلەر ئادا قىلسا يەنە بەزىلەر ئازابقا ھەقلىق بولمايتتى، ئازابقا دېگەن ۋاجىپنى تەرك قىلغان ياكى ھارامنى قىلغان كىشى ھەقلىق بولىدۇ". ["سۇبۇلۇس سالام" 2-توم 18-19-بەتلەر].

4-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «كۆزى كۆرمەيدىغان بىر كىشى (ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېدى) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ كۆزۈم كۆرمەيدۇ، ئۆيۈم يىراق، مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىشكە يارايدىغان كىشى يوق، پەرز نامازلارنى ئۆيدە ئادا قىلسام بولامدۇ؟ دەپ نامازنى ئۆيدە ئادا قىلىشقا رۇخسەت سورىغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئۇ كىشى كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەزاننى ئاڭلامسەن؟ دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ساڭا رۇخسەت قىلالمايمەن، نامازغا كەلگىن» دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 552-ھەدىس. ئىبنى ماجەرىۋايىتى 792-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى سەھىھ ياكى ھەسەن دېگەن "ئەلمەجمۇئ" 4-توم 164-بەت.

ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: "كۆزى كۆرمەيدىغان كىشىگە رۇخسەت بولمىغان يەردە كۆزى كۆرىدىغان كىشىگە ئەلۋەتتە رۇخسەت بولمايدۇ. ["ئەلئەۋسەت" 4-توم 134-بەت].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىتكە يېتىلەپ ئاپىرىدىغان ئەما كىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان ئېكەن، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىغا ئەلۋەتتە رۇخسەت قىلىنمايدۇ". ["ئەلمۇغنى" 2-توم 3-بەت].

5- ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىمنىكى ئاللاھ تائالاغا مۇسۇلمان ھالەتتە ئۇچرىشىش خۇرسەن قىلسا، ئاشۇ نامازلارنى نامازغا چاقىرىلغان ۋاقتىدا ئادا قىلسۇن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىڭلار ئۈچۈن ھىدايەتنىڭ يولىنى بېكىتتى، ئاشۇ نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ھىدايەتنىڭ يوللىرىدىندۇر، ئەگەر سىلەرمۇ جامائەتكە كەلمىگەن كىشىلەر ئۆيلىرىدە ناماز ئادا قلغاندەك ئۆيلىرىڭلاردا نامازنى ئادا قىلساڭلار، ئەلۋەتتە پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىنى تەرك قىلدىڭلار، ئەگەر پەيغەمبىرىڭلارنىڭ سۈننىتىنى تەرك قىلساڭلار ئەلۋەتتە ئېزىپ كېتىسىلەر، ھەر قانداق بىر كىشى تاھارەت ئالسا، تاھارەتنى مۇكەممەل ئالسا، ئاندىن مەسچىتلەردىن بىرىنى مەقسەت قىلىپ ماڭسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھەر بىر قەدىمىنىڭ بەدىلىگە بىر ياخشىلىق يازىدۇ، مەرتىبىسىنى بىر دەرىجە ئۈستۈن قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر خاتالىقنى ئۆچۈرىدۇ، ھەقىقەتەن بىز نامازدىن كېچىكىپ قالغانلارنى ئېنىق مۇناپىق دەپ قارايتتۇق، ھەقىقەتەن بەزى كىشىلەر ئىككى كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن كېلىپ سەپتە تۇراتتى».

يەنە بىر لەپزىدە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتتى، ھىدايەتنىڭ يوللىرىدىن نامازنى مۇئەززىن ئەزان ئوقۇغان مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىشتۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 654-ھەدىس].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ : "دالالەتنىڭ يوللىرىدىن:  بۇنىڭدا نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلمىغانلىقنى مۇناپىقلىقى مەلۇم بولغان نىپاقنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدى، نىپاقنىڭ ئالامىتى دېگەن مۇستەھەپ ئەمەلنى تەرك قىلىش ياكى مەكرۇھ ئەمەلنى قىلىش بىلەن بولمايدۇ. نىپاقنىڭ سۈننەتتە بېكىتىلگەن ئالامەتلىرى بولسا: ئۇ كىشىنى پەرزنى تەرك قىلىش ياكى ھارام ئىشنى قىلىش بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. بۇ مەنانى بۇ سۆز تەكىتلەيدۇ: «كىمنى ئاللاھ تائالاغا مۇسۇلمان ھالەتتە ئۇچرىشىش خۇرسەن قىلسا، ئاشۇ نامازلارنى نامازغا چاقىرىلغان ۋاقتىدا ئادا قىلسۇن».

جامائەتكە كەلمەي نامازنى ئۆيدە ئادا قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە يولغا قويغان شەرىئىتى ۋە يولىدىن ئىبارەت سۈننىتىنى تەرك قىلغۇچى دەپ ئاتالدى. بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغان سۈننەتتىن: خالىغان كىشى قىلىدىغان، خالىغان كىشى تەرك قىلىدىغان، ئۇنى تەرك قىلغان كىشى ئازغۇن بولمايدىغان، مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ھېساپلانمايدىغان: چاشكا نامىزى، تەھەججۇد نامىزى، دۇشەنبە ۋە پەيشەنبە روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت سۈننەتلەر مەقسەت قىلىنمايدۇ.  ["ناماز ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى" 146-147-بەتلەر].

ساھابىلەرنىڭ ئىجماسى.

ساھابىلەرنىڭ-ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-بىرلىكى-ئىجماسى، بىز ئۇلارنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىمىز:

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: "ھەقىقەتەن بىز نامازدىن كېچىكىپ قالغانلارنى ئېنىق مۇناپىق دەپ قارايتتۇق" دېگەن سۆزىنى بايان قىلدۇق.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئەزاننى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۈزۈرسىز مەسچىتكە نامازغا كەلمەيدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئۆيدە ئادا قىلغان نامىزى ناماز بولمايدۇ".

ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئەزاننى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۈزۈرسىز مەسچىتكە نامازغا كەلمەيدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئۆيدە ئادا قىلغان نامىزى ناماز بولمايدۇ".

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىتنىڭ خوشنىسى مەسچىتتىن باشقا جايدا ناماز ئادا قىلسا، يەنە مەسچىتكە چىقماي ئۆيدە ئادا قىلسا، نامىزى ناماز بولمايدۇ"، مەسچىتنىڭ خوشنىسى كىم؟ دەپ سورالغاندا، ئەزاننى ئاڭلىغان ئادەم دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئەزاننى ئاڭلاپ ئۈزۈرسىز مەسچىتكە كەلمىگەن كىشىنىڭ نامىزى بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتمەيدۇ، يەنى يۇقىرىغا ئۆرلىمەيدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىتنىڭ خوشنىسى ئەزاننى ئاڭلاپ، ساق تۇرۇپ ئۈزۈرسىز مەسچىتكە چىقماي ئۆيدە ئادا قىلسا، نامىزى ناماز بولمايدۇ". ["ناماز ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى" 153-بەت].

بۇ توغرىدا دەلىللەر بەك كۆپ بولۇپ، بىز بۇنىڭ بىلەن كۇپايە قىلدۇق، بۇ توغرىدا يەنە، ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ناماز ۋە ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ ھۆكمى" ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلسىڭىز ئۇنىڭدا نۇرغۇن پايدا ۋە زىيادە مەلۇماتلار بار. يەنە شەيخ ئىبنى بازنىڭ "نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى" دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىمۇ بەك ئەھمىيەتلىك.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android