1

قەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلىرى توغرىسىدا

سوئال: 46068

ۋاپات بولغان كىشىلەرنىڭ قەبرىسىدە ئازاپلىنىشىغا سەۋەپ بولىدىغان گۇناھلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

قەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلىرىدىن:

ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، مۇناپىقلىق، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆزگەرتىش، سۈيدۈكتىن پاكىزلانماسلىق، كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش، غەيۋەت قىلىش، يالغان سۆز قىلىش، قۇرئان كەرىمنى تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئوقۇماستىن تەرك قىلىش، پەرز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلماسلىق، جازانە يېيىش، زىنا قىلىش، باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قىلىش، رامىزاندا ئۈزۈرسىز روزىسىنى بۇزىۋېتىش، غەنىمەتنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدا خىيانەت قىلىش، كىيىم-كېچەكنى تەكەببۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن  كىيىش، ھاجىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغۇرلاش، ھايۋانلارنى سولاپ قويۇپ، ئاچ قويۇپ ئازاپلاش ۋە قەرزنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىقلاردۇر.

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇ ھەقتە ئىلگىرى 45325 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا قەبىر ئازابىنىڭ سەۋەپلىرى زىكىر قىلىنغان، بۇ يەردە بىز قۇرئان كەرىمدىن ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن بولغان دەلىللەر بىلەن بىرگە مۇشۇ گۇناھلارنىڭ ئومۇمىسىنى بايان قىلىمىز.

-ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە كاپىر بولۇش.

ئاللاھ تائالا پىرئەۋن خانىدانى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: النَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوّاً وَعَشِيّاً وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ أَدْخِلُوا آلَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ الْعَذَابِ تەرجىمىسى:«ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!»(دېيىلىدۇ)﴾‏  [سۈرە غاپىر 46-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏وَلَوْ تَرَى إِذِ الظَّالِمُونَ فِي غَمَرَاتِ الْمَوْتِ وَالْمَلائِكَةُ بَاسِطُو أَيْدِيهِمْ أَخْرِجُوا أَنْفُسَكُمُ الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ وَكُنْتُمْ عَنْ آيَاتِهِ تَسْتَكْبِرُونَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرۈسەن). پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سوزۇپ: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىپتىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ » [سۈرە ئەنئام 93-ئايەت].

ئۇنداق بولىشى: كاپىر سەكراتقا چۈشكەندە، ئازاپ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا دەرتلىك ئازاپ، تاقاق، زەنجىر، كۆيدۈرگۈچ ئوت ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپى بىلەن بىشارەت بەرگەندە، روھى بەدىنىگە تارقاپ، سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چىققىلى ئۇنىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئازاپ پەرىشتىلىرى ئۇلارنى ئۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېگەن ھالەتتە روھلىرىنى بەدىنىدىن چېقىرىدۇ: أَخْرِجُوا أَنْفُسَكُمُ الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ تەرجىمىسى: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىپتىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» [سۈرە ئەنئام 93-ئايەت].

ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش قەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلرىدىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى.

ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ قەبرى ئازابىنىڭ سەۋەپلرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەردىن: زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى نەججارنىڭ بىغىنىڭ تېمىنىڭ يېنىدىن خىچىرىغا مېنىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئېدۇق،  تۇيۇقسىز خىچىر ئۈركۈپ كېتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاشلىۋەتكىلى تاس قالدى، ئۇ يەردە تۆت -بەش ياكى بەش-ئالتە قەبرە بار ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ قەبرىنىڭ ئىگىلىرىنى كىم تونۇيدۇ؟» دېگەن ئېدى، ساھابىلاردىن بىر كىشى: مەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار قاچان ۋاپات بولغان؟» دەپ سورىدى، ئۇ كىشى: ئۇلار مۇشرىك ھالىتىدە ۋاپات بولغان دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئۈممەت قەبرىسىدە سېنىلىدۇ، سىلەرنىڭ قورقۇپ ئۆلۈكلەرنى دەپنە قىلماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرىمىگەن بولسام ئېدىم، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ سىلەرگە مەن ئاڭلاۋاتقان قەبر ئازابىنى ئاڭلىتاتتىم» دېدى ئاندىن بىزگە يۈزلىنىپ: «ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەڭلار» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2867-ھەدىس].

ھەدىستىكى: «ئۇلار مۇشرىك ھالىتىدە ۋاپات بولغان» دېگەن سۆز، شېرىكنىڭ قەبرىدە ئازابلىنىشقا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇناپىقلىق.

مۇناپىقلار ئىنسانلار ئارىسىدا قەبرىدە ئازاپلىنىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىلەردۇر. نېمە ئۈچۈن ئۇنداق بولمىسۇن؟!، ئۇلار دوزاخنىڭ ئەڭ قەھرىدە ئازاپلىنىدىغان تۇرسا!. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمِمَّنْ حَوْلَكُمْ مِنَ الأَعْرَابِ مُنَافِقُونَ وَمِنْ أَهْلِ الْمَدِينَةِ مَرَدُوا عَلَى النِّفَاقِ لا تَعْلَمُهُمْ نَحْنُ نَعْلَمُهُمْ سَنُعَذِّبُهُمْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَى عَذَابٍ عَظِيمٍ تەرجىمىسى: «ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىيلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز. ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ» [سۈرە تەۋبە 101-ئايەت].

قەتادە، رەبى ئىبنى ئەنەس رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: «ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز» دېگەن ئايىتى توغرىسىدا: بىرى دۇنيادا يەنە بىرى قەبرى ئازابى دېگەن.

نۇرغۇن رىۋايەتلەردە مۇناپىق ياكى مۇرتەد دەپ ئوچۇق ئىسىم بىلەن، ئۇلارنىڭ ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئال قىلىدىغان ۋە قەبرىدە سىنىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىندى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «كاپىر ياكى مۇناپىققا مۇنداق دېيىلىدۇ..» دەپ كەلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 1374-ھەدىس].

يەنە بۇخارى بىلەن مۇسلىمنىڭ ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىسىدە: «مۇناپىق ياكى مۇرتەد» دەپ كەلگەن.

-ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆزگەتكۈچى، ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلغۇچى ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلغۇچى.

بۇنىڭ دەلىلى: ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە دىنسىزلىق پەيدا قىلىش قەبرىدە ئازاپ بولىدىغان سەۋەپلەردىن بىر سەۋەپتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن ئەمىر ئىبنى لۇھەي ئامىر خۇزائىينى دوزاختا ئۈچەيلىرىنى سۆرىگەن ھالىتىدە كۆردۈم، بۇ تۈنجى قېتىم تۆگىلەرنى، كالىلارنى ياكى قويلارنى مىنمەيدىغان، گۆشى يېيىلمەيدىغان، ئۈستىگە يۈك ئارتىلمايدىغان قىلىپ بېكىتىپ ، بەزىلەر ماللىرىدىن مەلۇم بىر قىسمىنى بۇ شەكىلدە بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىشنى يولغا قويغان» [بۇخارى رىۋايىتى 4623-ھەدىس].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ۋە باشقا قەبىلىدىن بولغان ئەرەپلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىنا قىلغان بەيتۇللاھنىڭ خوشنىلىرى ئېدى، ئۇلار بەنى خۇزائىدىن بولغان ئەمىر ئىبنى لۇھەي ئاتلىق كىشى دىننى ئۆزگەرتىۋەتكەنگە قەدەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا دىنىدا ئېدى، ئەمىر ئىبنى لۇھەي تۈنجى قېتىم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا شېرىكنى قېتىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام قىلغان ئېدى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمىر ئىبنى لۇھەي ئامىر خۇزائىينى دوزاختا ئۈچەيلىرىنى سۆرىگەن ھالىتىدە كۆردۈم» دېدى. ["دەقائىقۇت تەپسىر" 2-توم 71-بەت].

-سۈيدۈكتىن پاكىزلانماسلىق، كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: «بۇ ئىككەيلەن قەبرىسىدە ئازاپلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە بەك چوڭ بولمىغان ئەمما ئەمەلىيەتتە مۇھىم بولغان ئىككى ئىش بىلەن ئازاپلىنىۋاتىدۇ، ئىككىسىدىن بىرى سۈيدۈكتىن پاكىزلانمايتتى، يەنە بىرى كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلاتتى» [بۇخارى رىۋايىتى 218-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 292-ھەدىس].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەبىر ئازابىنىڭ ئومۇمىسى ئاساسەن سۈيدۈكتىن پاكىزلانماسلىقتىن بولىدۇ، سۈيدۈكتىن پاكىز بولۇڭلار» دارى قۇتنى رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "تەرغىيبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمى" 1-توم 152-بەتتە كەلتۈرگەن.

غەيۋەت قىلىش.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ "جىنازە" توغرىسىدىكى بۆلۈمدە: "قەبرە ئازابى سۈيدۈكتىن پاكىزلانماسلىق ۋە غەيۋەتتىن"بولىدۇ دەپ باپ كەلتۈرگەن.

ئاندىن كېيىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسنى كەلتۈرگەن، ئۇ ھەدىستە غەيۋەت زىكىر قىلىنمىغان، ئۇنىڭدا سۇخەنچىلىك-دەپ تونۇش زىكىر قىلىنغان، لېكىن بۇ ئادەت بويۇنچە بايان قىلىنغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ بەزى يوللىرىدا: «يەنە بىرى غەيۋەت سەۋەبىدىن ئازاپلىنىدۇ» دەپ كەلگەن. [ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 5-توم 35-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ: " تەرغىب ۋە تەرھىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1-توم 66-بەتتە كەلتۈرگەن].

يالغانچىلىق.

سەمۇرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىراجغا چىققاندا، بىز ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتتۇق، بىر كىشى تۆمۈر ئىلمەكلەرنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ، ئىلمەك بىلەن بىر جاۋغىيىنى تارتىپ گەردىنىگە ئاپىرىدىكەن، ئاندىن يەنە بىر تەرەپكە يۆتكىلىپ يەنە بىر جاۋغىيىنى تارتىپ ئۇنىمۇ گەردىنىگە ئاپىرىدىكەن، بىر تەرەپنى تارتىپ بولغىچە يەنە بىر تەرەپ ئەسلىگە كېلىدىكەن، ئۇنى تارتىپ بولسا يەنە بىر تەرەپ ئەسلىگە كېلىدىكەن، بۇ ئازاپ شۇ شەكىلدە داۋام قىلىدىكەن، مەن: ئاللاھ پاكتۇر! بۇ نېمە قىلغان ئادەم؟ دەپ سورىسام، ماڭا : بۇ غەيۋەتخۇر دېيىلدى.

يەنە بىر ھەدىستە: «بۇ كىشى ئەتتىگەندە؟ ئۆيدىن چىقىپ، يالغانچىلىقنى دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تارقىتىدۇ» دەپ كەلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 7074-ھەدىس].

- قۇرئان كەرىمنى تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئوقۇماستىن تەرك قىلىش، پەرز نامازلارنى ۋاختىدا ئادا قىلماسلىق.

سەمۇرە ئىبنى جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مىراجغا چىققاندا، بىز ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ئۆتتۇق، يەنە بىر كىشى ئۇنىڭ بېشىدا يوغان بىر تاشنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ، ئۇ كىشى تاش بىلەن ئوڭدىسىغا ياتقان كىشىنىڭ بېشىغا بىر سىلىپ بېشىنى يېرىۋەتتى، تاش ئۇ تەرەپكە دومۇلاپ كەتتى، ئۇ كىشى تاشنىڭ كەينىدىن تاشنى ئېلىش ئۈچۈن كەتتى، تاشنى ئېلىپ كەلگەندە ئوڭدىسىغا ياتقان كىشىنىڭ بېشى ئەسلىگە كەلگەن ئېدى، ئاندىن بىرىنچى قېتىمقىغا ئوخشاش تاش بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇردى، ئازاپ بۇ شەكىلدە داۋام قىلدى، مەن: ئاللاھ پاكتۇر! بۇ نېمە قىلغان ئادەم؟ دەپ سورىسام، ماڭا: بېشىغا تاش بىلەن ئۇرۇلغان كىشى بولسا: قۇرئان كەرىمنى ئۈگىنىپ ئۇنىڭدىن كېيىن كېچىلىرى ئۇنى ئوقۇماي ئۇخلىغان، كۈندۈزلىرى ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلمىغان ئادەم دېيىلدى».

يەنە بىر رىۋايەتتە: «بېشىغا تاش بىلەن ئۇرۇلۇپ بېشى يېرىلغان كىشى بولسا، قۇرئان كەرىمنى ئۈگىنىپ بولۇپ، ئۇنى ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى رەت قىلغان، پەرز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىغان كىشى دېيىلدى». [بۇخارى رىۋايىتى 7076-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس بىرىنچى ھەدىستىن روشەندۇر، چۈنكى بىرىنچى ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى: ئۇ ئادەم كېچىدە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئازاپلانغان، ئەمما ئىككىنچى ھەدىستە بولسا: پەرز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي ئۇخلىغانلىقىغا ئازاپلىنىدۇ".

يەنە مۇنداق دېدى: ئازاپنىڭ ئىككى ئىشنىڭ جۇغلانمىسىغا بولغانلىقىنىڭ ئېھتىماللىقى بار: قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى تەرك قىلىش.

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ھۇبەيرە مۇنداق دېگەن: "قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىپ بولۇپ تەرك قىلىش دېگەن كاتتا جىنايەت، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆز خىيالىدا ئۇنى تەرك قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئويلىغان، قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بولغان ئەڭ شەرەپلىك نەرسىنى تەرك قىلىشنىڭ جازاسى بولسا، بەدەندىكى ئەڭ شەرەپلىك ئەزانى جازالاش بىلەن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ باشتىن ئىبارەتتۇر". ["پەتھۇلبارى" 3-توم 251-بەت].

جازانە يېيىش.

سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىز سۈيى قانغا ئوخشاش ئېقىۋاتقان بىر ئۆستەڭنىڭ بويىغا كەلدۇق، ئۆستەڭدە بىر سۇ ئۈزگۈچى ئادەم سۈ ئۈزىۋېتىپتۇ، ئۆستەڭنىڭ قىرغىقىدا بىر كىشى تۇرۇپتۇ، ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا بىر دۆۋە تاش بولۇپ، ئۆستەڭدە سۇ ئۈزگەن كىشى سۈ ئۈزۈپ قىراغاقتىكى كىشىنىڭ يېنىغا كەلسە، قىرغاقتىكى كىشى يېنىدىكى دۆۋىلەكلىك تاشتىن ئۆستەڭدىكى كىشىنىڭ ئاغزىغا ئاتىدۇ، ئۇ كىشى ئاغزىدىكى تاشنى يۇتۇپ يەنە سۇ ئۈزىدۇ، ھەر قاۋان قىرغاققا قايتىپ كەلسە، قىرغاقتىكى كىشى ئۇنىڭ ئاغزىغا تاش ئاتىدۇ، ئۇ كىشى تاشنى يۈتۈپ سۇ ئۈزىدۇ، مەن: ئاللاھ پاكتۇر! بۇ نېمە قىلغان ئادەم؟ دەپ سورىسام، ماڭا ئۆستەڭدە سۇ ئۈزۈپ ئاغزىغا ئېتىلغان تاشنى يۇتۇپ يۈرگەن ئادەم جازانە يېگەن ئادەم دېيىلدى».

زىنا قىلغۇچى.

سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىزتونۇرغا ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ يېنىغا كەلدۇق، تۇيۇقسىز ئۇنىڭدىن داد-پەريات، چىقىراشلار ئاڭلاندى، ئۇنىڭ ئېچىگە قارىساق، ئۇنىڭدا يالىڭاچ ئەر-ئاياللار بارئىكەن، ئۇلارنىڭ تونۇرنىڭ ئاستى تەرىپىدىن ئوت يالقۇنلىرى كېلىدىكەن، ئوت يالقۇنى كەلگەندە، ئۇلار چېقىراپ كېتىدىكەن، مەن: ئىككەيلەنگە: بۇ نېمە ئادەملەر؟ دەپ سورىسام، ئۇلار مۇنداق دېدى:.... ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «تونۇرغا ئوخشاش ئورۇننىڭ ئېچىدە تۇرغان يالىڭاچ ئەر-ئاياللار بولسا زىناخۇر ئەر-ئاياللاردۇر».

- باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قىلىش.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن مىراجقا چىققان كېچىدە كالپۇكلىرىنى قايچا بىلەن كېسىۋاتقان بىر بۆلەك كىشىلەرنى كۆرۈپ: ئى جەبرائىل! ئۇلار كىم؟ دەپ سورىسام، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئۇلار سېنىڭ ئۈممىتىڭنىڭ خاتىپلىرى بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالغانلار، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇيدۇ، ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەمدۇ؟!» [ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 3-توم 120-بەت. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ : سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 291-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە: «مەن مىراجقا چىققان كېچىدە كالپۇكلىرىنى ئوتتىن بولغان قايچا بىلەن كېسىۋاتقان بىر بۆلەك كىشىلەرنى كۆردۈم، ئۇلار ھەر ۋاقىت كەسسە، ئارقىدىنلا ئەسلىگە كېلەتتى، مەن: ئى جەبرائىل! ئۇلار كىم؟ دەپ سورىسام، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ماڭا: «ئۇلار سېنىڭ ئۈممىتىڭنىڭ خاتىپلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزى قىلمايدىغان ئىشلارنى دەيدۇ، ئاللاھنىڭ كىاتبىنى ئوقۇيدۇ ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلمايدۇ» [بەيھەقى "شۇئەبىل ئىماندا" رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ: سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 128-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

- رامىزاندا ئۈزۈرسىز روزىسىنى بۇزىۋەتكەنلەر.

ئەبى ئۇمامە باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىپ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: «مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىككى كىشى كېلىپ مېنىڭ شىللىمدىن تۇتۇپ مېنى تاغنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كېلىپ: تاغقا ئۆرلە دېدى، مەن: بۇنىڭغا قادىر بولالمايمەن دېدىم، ئۇ ئىككەيلەن: بىز ساڭا قولايلىق قىلىپ بېرىمىز دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆرلىدىم، تاغنىڭ قاپتىلىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز قاتتىق ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم، بۇ نېمە ئاۋاز؟ دەپ سورىدىم، ئۇ كىشى: بۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ ھۇۋلاشلىرى دېدى، ئاندىن ئۇلار مېنى ئىلىپ ماڭدى، تۇيۇقسىز ئوقۇرەكلىرىدىن ئېسىلىپ، جاۋغايلىرى يېرتىلغان، جاۋغايلىرىدىن قان ئېقىۋاتقان بىر جامائەتنىڭ يېنىغا كەلدۇق، مەن: ئۇلار كىم؟ دەپ سورىدىم، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ماڭا: ئۇلار رامىزاندا ئىپتار قىلىش ۋاقتىدىن بۇرۇن روزىسىنى بۇزىۋەتكەنلەر دېدى». [ئىبنى ھىببان رىۋايىتى، ھاكىم "ئەلمۇستەدرەك" 1-توم 209-210-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 3951-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

- غەنىمەتنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدا خىيانەت قىلغانلار.

بۇنىڭغا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىس دەلىل بولىدۇ، ئۇرۇشتا بىر كىشى غەنىمەتنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن بىر كىيىمنى ئېلىۋالىدۇ، بۇ كىشى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! خەيبەر كۈنى غەنىمەت تەقسىم قىلىنشتىن ئىلگىرى ئالغان بولسا، ئاندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە ئوت تۇتاشتۇرىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى4234-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 115-ھەدىس].

خىيانەت دېگەن: ئۇرۇشتا غەنىمەت ئېلىنغان نەرسىلەرنى قوماندانغا تاپشۇرماستىن، ئۇنى تەقسىم قىلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئېلىۋېلىشتۇر.

-تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمنى سۆرەلتىپ كەيگۈچى.

بۇنىڭ دەلىلى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى تەكەببۇرلۇق بىلەن كىيىمىنى سۆرەلتىپ كىتىپ باراتتى، تۇيۇقسىز ئۇ كىشىنى يەر يۈتۈپ كەتتى، ئۇ كىشى قىيامەتكىچە زېمىنغا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ، ئېتتىرىلىپ يەرنىڭ ئاستىغا چۈشىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 3485-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2088-ھەدىس].

ھاجىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان كىشى.

بۇنىڭ دەلىلى: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاي تۇتۇلۇش نامىزى توغرىسىدا بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ يېنىمغا دوزاخ  ئېلىپ كېلىندى، مەن ئوتنىڭ يالقۇنى يۈزۈمگە كېلىشتىن ئەنسىرەپ كەينىمگە داجىدىم، بۇ ئەھۋالنى سىلەر كۆرۈپ تۇردۇڭلار، ھەتتا مەن دوزاختا تۇتقۇچى بار ھاسا ساھىبىنى دوزاختا ئۈچەيلىرىنى سۆرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم، بۇ كىشى ھاجىلارنىڭ ئىلمەك باشلىق ھاسىلىرىنى ئوغۇرلايتتى، ئەگەر ھاسىنىڭ ئىگىسى تۇيۇپ قالسا: مەن بۇنىڭغا ھاسامنى ئېسىپ قوياي دېگەن ئېدىم دەيدۇ، ئەگەر غاپىل قالسا ھاسىسىنى ئېلىپ كېتەتتى». [مۇسلىم رىۋايىتى 904-ھەدىس].

-ھايۋانلارنى ئاچ قويۇپ، رەھىم-شەپقەت قىلماستىن ئازاپلىغان كىشى.

بۇنىڭ دەلىلى: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاي تۇتۇلۇش نامىزى توغرىسىدا بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن دوزاختا يەنە مۇشۇك ساھىبىنى كۆردۈم، ئۇ ئايال مۇشۇكنى باغلاپ قويۇپ، يەيدىغان نەرسە بەرمەي، ھەتتا زېمىندىكى ساچقان قاتارلىق نەرسىلەرنى تۇتۇپ يېيىشى ئۈچۈنمۇ قويىۋەتمەي ئاچلىقتىن ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولغان» [مۇسلىم رىۋايىتى 904-ھەدىس].

بەيھەقى ئۆزىنىڭ :"قەبىر ئازابىنى ئىسپاتلاش" ناملىق كىتابىنىڭ 97-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاي تۇتۇلۇش نامىزى توغرىسىدا بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن دوزاختا يەنە ئۈچىيىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان كىشىنى ۋە مۈشۈكنى ئازاپلىغان ئايالنى كۆردۈم، ئۇلار ئۆزلىرى ياشىغان زاماندىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە چېرىپ كەتكەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچ بىرىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان كىشىلەردە كۆرمىگەن».

- باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ، قەرزنى ئادا قىلمىغان كىشى.

ۋاپات بولغان كىشىگە قەبرىدە زىيىنى بولىدىغان ئىشلاردىن بىرى: قەرزدارلىق، سەئىد ئىبنى ئەتۋەل مۇنداق دەيدۇ: قىرىندىشىم ۋاپات بولۇپ، ئۈچ يۈز دىنار مال ۋە كېچىك بىر بالىسىنى قويۇپ كەتتى، مەن ئۇلارغا نەپىقە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «قېرىندىشىڭ قەرز سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالدى-توسۇلۇپ قالدى-بېرىپ ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىۋەتكىن دېدى»، مەن بېرىپ ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىۋېتىپ ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىۋەتتىم، پەقەت بىر ئايال ئىككى دىنار پۇلۇم بار دەيدۇ لېكىن ھۆججىتى يوق ئىكەن، بەرمىدىم دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەرگىن، ئۇ ئايال سەمىمى ئايال دېدى» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 16776-ھەدىس. ئىبنى ماجە 2-توم 82-بەت. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"1550- كەلتۈرگەن].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android