بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
سەپەرنىڭ ئەدەپلىرى بەك كۆپ بولۇپ ئالىملار ئۇنى توپلاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، بۇنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە توپلاپ رەتلىگەن ئالىملارنىڭ بىرى ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھدۇر. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ "ئەلمەجمۇ" ناملىق ئەسىرى 4-توم 264-287-بەتلەردە ئەدەپتىن ئاتمىش ئىككى باپنى زىكىر قىلدى، بىز بۇ ئەدەپلەردىن بەزىسىنى قىسقىچە بايان قىلىمىز. بۇ مەسىلىنى كەڭ دائىرىدە چۈشىنىشنى خالىغانلار ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىگە مۇراجىئەت قىلسۇن.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەپەرنىڭ ئەدەپلىرىنىڭ بابى". بۇ باپ بەك مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
بۇ يەردە سەپەرنىڭ ئەدەپلىرىگە قىسقىچە ئىشارەت قىلىپ ئۆتىمىز:
1-سەپەر قىلماقچى بولغان كىشى دىنىغا، تەجىربىسىگە ۋە سەپەر توغرىسىدا ئىلىم-سەۋىيسىگە ئىشەنچ قىلغان كىشىگە مەسلىھەت سالىدۇ. مەسلىھەت سېلىنغان كىشىمۇ نەپسى-خاھىشى ۋە ئۆز پايدىسىنى كۆزلىمەي سەمىمىيلىك بىلەن مەسلىھەت بېرىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَشَاوِرْهُمْ فِي الأَمْر تەرجىمىسى: «ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن» [سۈرە ئال ئىمران 159-ئايەت].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلار بىلەن ئىشلاردا مەسلىھەت قىلغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بار.
2-سەپەر قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەندە، ئاللاھ تائالاغا ئىستىخار قىلىپ پەرزنىڭ غەيرىدە ئىككى رەكەت ئىستىخارە نامىزى ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئىستىخارە دۇئاسى بىلەن دۇئا قىلىدۇ.
3-ھەجگە ياكى غازاتقا ياكى ئۇ ئىككىسىدىن باشقا سەپەرگە چېقىش ئىرادىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئىلگىرى سادىر قىلغان بارلىق خاتالىق، گۇناھلىرىغا، ناچار ئىشلىرىغا تەۋبە قىلىدۇ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان بولسا، زۇلۇمدىن رازىلىق ئالىدۇ، ئادا قىلىش مۇمكىن بولغان قەرزلىرىنى ئادا قىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئامانىتى بولسا ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ، ئۆزى بىلەن باشقىلار ئارىسىدىكى بارلىق مۇئامىلە، ئىقتىسادى ئىشلار بولسا ھەممىسىنى تۈگىتىدۇ، ۋەسىيەتلىرىنى يېزىپ قويىدۇ، ئۇنىڭغا گۇۋاھچىلارنى ھازىر قىلىدۇ، ئادا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قەرزلىرى بولسا بۇنى ئادا قىلىشقا بىرسىنى ۋەكىل قىلىپ قويىدۇ، سەپەردىن قايتىپ كېلىپ بولغىچە ئائىلىسى ۋە ئۆزى خىراجەت قىلىپ بېرىشى كېرەك بولغان كىشىلەرگە يېتەرلىك ئىقتىساد قويۇپ قويىدۇ.
4-ئاتا-ئانىسىدىن ۋە ئۆزى خىزمىتىنى قىلىش كېرەك بولغان كىشىلەردىن رازىلىق ئالىدۇ.
5-ھەجگە ياكى غازاتقا ياكى باشقا سەپەرلەرگە سەپەر قىلغاندا خىراجەت قىلىدىغان پۇلى ھالالدىن تاپقان بولىشى شۈبھىدىن خالى بولىشى كېرەك، ئەگەر باشقىلارنىڭ ھەققى بىلەن ھەج قىلغان ياكى غازاتقا چىققان بولسا، گۇناھكار بولىدۇ ئەمما قىلغان ھەججى ۋە غازىتى كۆرۈنۈشتە توغرا بولىدۇ، ئەممە ھەقىقى ھەج مەبرۇر بولمايدۇ.
6-ھەج ياكى باشقا سەپەرگە ماڭغان كىشى سەپەردە ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى كۆپرەك ئېلىۋېلىشى ۋە ئەتراپتىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىشى ۋە ئىلىپ ماڭغان ئوزۇقلىقى پاك بولىشى مۇستەھەپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنْفِقُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّا أَخْرَجْنَا لَكُمْ مِنْ الأَرْضِ وَلا تَيَمَّمُوا الْخَبِيثَ مِنْهُ تُنْفِقُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ ئۆزۈڭلارمۇ پەقەت كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار» [سۈرە بەقەرە 267-ئايەت].
ئايەتتىن بولغان مەقسەت: نەرسىلەرنىڭ پاكىزە-ياخشىلىرىنى سەدىقە قىلىش، ناچار -پاسكىنىلىرىنى سەدىقە قىلماسلىق، سەدىقە قىلغان نەرسە بىلەن كۆڭلىنىڭ خۇرسەنلىكى دېگەن ئۇ نەرسىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
7-ھەجگە ياكى غازاتقا چىقماقچى بولغان كىشى بۇ ئىككى ئىبادەتنى قانداق شەكىلدە ئادا قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك، ئىبادەتنى قانداق قىلىشنى بىلمىگەن كىشىنىڭ ئىبادىتى توغرا بولمايدۇ، ھەجنى مەقسەت قىلغان كىشى ھەجدىن بولغان مەقسەت، پائالىيەتلەر تەپسىلى يېزىلغان بىرەر قوللانمىنى بىرگە ئىلىپ مەقسەت قىلغان ئەمەلنى مۇكەممەل ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنى يولدا تەكرار-تەكرار ئوقۇشى كېرەك، مۇشۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ھەجنىڭ شەرتلىرىدىن بىرە شەرتنى تەرك قىلىپ پائالىيەتنى تولۇق ئادا قىلالماي، ھەججىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن ئەنسىرىلىدۇ. يىراقتىن كەلگەن بەزى ئىنسانلار مەككىدىكى ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان قارا قوساقلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنى مەككىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەج پائالىيەتلىرىنى تولۇق بىلىدۇ دەپ ئويلاپ قىلىپ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ئېزىپ كېتىدۇ، بۇ بەك زور خاتالىقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش غازاتقا چىققان كىشىمۇ، غازاتقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بىرەر قوللانمىنى ئېلىۋېلىشى لازىم، بۇنىڭ بىلەن غازات قىلغۇچى ئۇرۇشنىڭ ھۆكۈملىرى، ئۇرۇش جەريانىدا ئوقۇيدىغان زىكىر-دۇئالار، ۋەدىنى بۇزۇش، خىيانەت قىلىش، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ توغرا بولمايدىلىقى قاتارلىق بەزى ھۆكۈملەرنى ئۇگىنەلەيدۇ. تىجارەت ئۈچۈن سەپەرگە چىققان كىشىمۇ، سودا-سېتىق ئىشلىرىدىن ھالال، ھارام، سودىنى توغرا ياكى باتىل قىلىدىغان ئىشلارنى ئۆگىنىشى كېرەك، قالغان ئىشلارمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.
8-سەپەرگە چىقماقچى بولغان كىشى سەپەر جەريانىدا ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەيدىغان، ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغان، ئېسىگە ئالسا ياردەم بېرىدىغان سەپەرداشنى ئىزدەش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇنداق ياخشى بىلىملىك ھەمراھ تاپالىسا ئۇنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتۇپ ئەگىشىش كېرىك، چۈنكى ئىلىملىك كىشى ئىلمى ۋە ئەمەلى بىلەن سەپەردىشىنى يول ئۈستىدە تۇيۇقسىز كېلىپ قالىدىغان ئەخلاقسىزلىق، تىز ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلەيدۇ، ئېسىل، ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۇندەيدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
ئاندىن سەپەر جەريانىدا يول بويى ھەمراھلىرىنى رازى قىلىشقا تېرىشىشى لازىم، ھەر بىر كىشى ئۆز ھەمراھىنى ئۆزىدىن يۇقىرى، ھۆرمەتلىك، پەزىلەتلىك دەپ قارىشى، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن يۈز بەرگەن ئىشلارغا سەۋېر قىلىشى كېرەك.
9-ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، خولۇم-خوشنىلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە باشقا يېقىن يۇرۇقلىرى بىلەن خوشلىشىشى ياخشى بولىدۇ، ھەر بىرى بىلەن خوشلاشقاندا: "سىزنىڭ دىنىڭىزنى، ئامانەتلىرىڭىزنى ۋە ئىشلىرىڭىزنىڭ تۈگىنچىسىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم دەيدۇ"، مۇقىم كىشىمۇ سەپەر قىلىدىغان كىشىگە: "ئاللاھ تائالا سىزنىڭ تەقۋالىقىزنى زىيادە قىلسۇن، خاتالىقلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلسۇن، قەيەردە بولسىڭىز ياخشىلىقنى سىزگە ئاسان قىلسۇن" دەيدۇ.
10-ئۆيدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە يۆتكىلىش پەقەت ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن بولىدۇ. ئى ئاللاھ! مەن سېلىگە سېغىنىپ ئېزىپ كىتىشىمدىن ۋە ئازدۇرۇلۇپ كېتىشىمدىن، تىيىلىپ كېتىشىمدىن ۋە تېيىلدۈرۈلۈپ كېتىشىمدىن، زۇلۇم قىلىشىمدىن ۋە زۇلۇم قىلىنىشىمدىن، ماڭا نادانلىق قىلىشتىن ۋە نادانلىق قىلىنىشتىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلىش سۈننەتتۇر.
11- ئۆيدىن چېقىپ ئۇلاغقا مىنمەكچى ياكى ماشىنىغا چىقماقچى بولغاندا: ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئۇلاققا مېنىپ ياكى ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن: بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز دەپ ئۈچ قېتىم ئەلھەمدۇ لىللاھ دەيدۇ، ئۈچ قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دەيدۇ، رەببىم سەن بارلىق ئەيىپ-نۇقساندىن پاكتۇرسەن، مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، سەندىن باشقا ھېچ بىرى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلالمايدۇ، دەيدۇ.
يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئاللاھ! بۇ سەپىرىمىزدە سېنىڭدىن ياخشىلىق بىلەن تەقۋالىقنى، ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى سورايمىز، ئى ئاللاھ! بىزگە بۇ سەپىرىمىزنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگىن، ئۇنىڭ مۇساپىسىنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن، ئى ئاللاھ! سەن سەپەردە ھەمراھ، ئەھلىمىزدە ئورۇن باسارسەن، ئى ئاللاھ! ساڭا سېغىنىپ سەپىرىمنىڭ زورلۇقىدىن، چىرايىمنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن، ئائىلەمگە، ئىقتىسادىمغا زىيان-زەخمەت يېتىشىدىن پاناھ تىلەيمەن».
سەپەردىن قايتقاندا يۇقىرىدىكى دۇئانى ئوقۇپ ئۇنىڭغا بۇ دۇئانى زىيادە قىلىدۇ: «ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى ۋە رەببىمىزگە ھەمدە ئېيتقۇچىلارمىز».
12-سەپەرگە جامائەت بىلەن بىرگە چىقىش ياخشى بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئىنسانلار يالغۇز سەپەرگە چىققاندا كېلىپ چېقىدىغان ئاقىۋەتتىن مەن بىلگەننى بىلگەن بولسا ئېدى، ھېچ كىشى كېچىدە يالغۇز سەپەرگە چىقمايتتى» [بۇخارى رىۋايىتى].
13-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن سەپەرداش ھەمراھلارنىڭ ئارىسىدىن پەزىلەتلىك، توغرا پىكىرلىك بىرىنى ئۆزلىرىگە رەھبەر قىلىشى ياخشى بولىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە ۋە ئەبۇ سەئىد -ئاللاھ ئۇ ئىككەيلەندىن رازى بولسۇن-مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈچ كىشى بىرلىكتە سەپەرگە چىققان بولسا ئۇلارنىڭ بىرى رەھبەر بولسۇن». [ئەبۇ داۋۇد ھەسەن ئىسناد بىلەن بايان قىلغان ھەسەن ھەدىس].
14-سەپەرگە تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن چېقىش ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەپەرگە تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ئاتلىنىڭلار، ھەقىقەتەن كېچىدە زېمىن قاتلىنىدۇ».
يۇقىرىدىكى ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ھەسەن ئىسناد بىلەن بايان قىلغان، ھاكىم بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدۇ.
يەنە بىر رىۋايەتتە: «زېمىن سەپەر قىلغۇچى ئۈچۈن كېچىدە قاتلىنىدۇ» دېگەن.
15-سەپەرداشلىرىغا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلار بىلەن دەتالاش قىلىشتىن يىراق بولىشى، يوللاردا كىشىلەر بىلەن قىستالماسلىقى، تېلىنى بارلىق ناچار سۆزلەردىن، كىشىلەرنى تىللاش، غەيۋەت قىلىشتىن ساقلاش، ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ لەنەت قىلماسلىقى كېرەك.
16-سەپەر قىلغۇچى سەپەر جەريانىدا يۇقىرى تۆپىلىك، دۆڭلۈككە چىققاندا تەكبىر ئېيتىشى ۋە تۆۋەنگە. پەس تەرەپلەرگە چۈشكەندە تەسبىھ ئېيتىشى ياخشى بولىدۇ.
17-سەپەر جەريانىدا بىرەر يۇرتقا كىرمەكچى بولغاندا بۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىدىن بۇ يۇرتنىڭ ۋە بۇ يۇرت ئەھلىنىڭ ۋە بۇ يۇرتتىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، سېلىگە سېغىنىپ بۇ يۇرتنىڭ ، يۇرت ئەھلىنىڭ ۋە يۇرتتىكى نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن».
18-سەپەر قىلغۇچى سەپەر جەريانىدا دۇئانى كۆپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ.
19-ئاللاھ ئاسانلىق ئاتا قىلسا سەپەر جەريانىدا گەرچە نامازنى تەيەممۇم بىلەن قەسىر قىلىپ، جۇغلاپ ئوقۇش دۇرۇس بولىسىمۇ لېكىن، تاھارەت بىلەن، نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
20-سەپەر جەريانىدا بىرەر ئورۇنغا چۈشكەندە ئوقۇيدىغان دۇئانى ئوقۇش كېرەك. بۇ توغرىدا خەۋلەتە بىنتى ھەكىم رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ ئايال مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «كىمكى سەپەر جەريانىدا بىر ئورۇنغا چۈشكەندە: «ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل سۆزى بىلەن ئاللاھقا سېغىنىپ، ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تىلەيمەن» دېگەن بۇ دۇئانى ئوقۇسا، ئۇ كىشى بۇ ئورۇندىن قوزغىلىپ كېتىپ بولغىچە ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].
21-سەپەرداشلارنىڭ سەپەر جەريانىدا بىر يەرگە چۈشكەندە چېچىلىپ كەتمەستىن ھەممىسىنىڭ يېقىن بىر ئورۇنغا چۈشىشى ياخشى بولىدۇ، ھاجەتسىز ئايرىم-ئايرىم ئورۇنغا چۈشۈش ياخشى بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ سەئلەبە ئەل خۇشەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم سەپەردە كىشىلەر بىر جايغا چۈشكەندە، كىشىلەر جىلغا، ۋادى ۋە چېغىر يوللارغا تاراپ كەتكەن ئېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ جىلغا، ۋادى ۋە چېغىر يوللارغا تاراپ كېتىشىڭلار شەيتاننىڭ ئىشىدىن دېدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھەرقانداق بىر ئورۇنغا چۈشسە بىر-بىرىگە قېتىلىپ يېقىن جايغا چۈشتى». [ئەبۇ داۋۇد ھەسەن ئىسناد بىلەن بايان قىلغان].
22-مۇساپىرنىڭ سەپەر قىلىشتىن بولغان مەقسىتى ھاسىل بولۇپ، ئىشلىرى تۈگىگەندە، تىزدىن ئائىلىسىگە قايتىشى ياخشى بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەپەر دېگەن ئازابنىڭ بىر پارچىسىدۇر، سىلەرنى نورمال يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن ۋە ئۇيقۇسىدىن چەكلەيدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار سەپەردىن بولغان مەقسىدىنى ئادا قىلىپ بولغان بولسا، ئائىلىسىگە قايتىشقا ئالدىرىسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى].
23-سەپەردىن قايتقاندا ئوقۇيدىغان دۇئا. بۇ توغرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غازاتتىن، ھەجدىن ياكى ئۆمرىدىن قايتقاندا، زېمىندىن ھەرقانداق دۆڭلۇك، تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە چىققاندا ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىپ ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شىرىكى يوقتۇر، بارلىق مۇلكىيەت-پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئۇ ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. بىز ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، سەجدە قىلغۇچى ۋە رەببىمىزگە ھەمدە ئېيتقۇچىلارمىز. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى راستتۇر، ئاللاھ بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەردى، توپلاشقان قوشۇننى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى» [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى].
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سەپەردىن قايتىپ مەدىنىنىڭ كېرىش ئېغىزىغا كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىز ئاللاھ تەرەپكە قايتقۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى ۋە رەببىمىزگە ھەمدە ئېيتقۇچىلارمىز» دېگەن دۇئانى ھەتتا بىز مەدىنىگە كەلگەنگە قەدەر ئوقۇدى». [مۇسلىم رىۋايىتى].
24-يۇرتىغا كېلىپ بولغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈيىگە يېقىنراق بولغان مەسچىتكە كېلىپ سالامەت كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ توغرىدا كەئەب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەپەردىن كەلگەندە دەسلەپتە مەسچىتكە كېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ئاندىن ئولتۇراتتى» [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى].
25-سەپەردىن كەلگەندىن كېيىن كىشىلەرگە بىر يېمەك بېرىۋېتىش ياخشى بولىدۇ، بۇنى سەپەردىن كەلگەن كىشى ئەتراپىدىكىلەرگە قىلسىمۇ ياكى ئەتراپىدىكىلەر سەپەردىن كەلگەن كىشى ئۈچۈن قىلسىمۇ بولىدۇ، بۇ توغرىدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن قايتىپ مەدىنىگە كەلگەندە، تۆگە ياكى كالا ئۆلتۈرۈپ زىياپەت بەرگەن» [بۇخارى رىۋايىتى].
26-ئايال كىشىنىڭ زۈرۈر بولمىغاندا مەھرەمسىز سەپەرگە چېقىشى توغرا بولمايدۇ، يېقىن سەپەر بولسۇن ياكى يىراق سەپەر بولسۇن بۇنىڭ ھۆكمى ئوخشاش، بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە-كۈندۈزلۈك مۇساپىدىكى سەپەرگە چېقىشى توغرا بولمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى. مۇسلىم رىۋايىتى].
ئىمام نەۋەۋىينىڭ قىسقارتىلغان سۆزى بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەج سەپىرىنىڭ ئەدەپلىرى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ: ۋاجىپ بولغان ۋە مۇستەھەپ بولغان ئەدەپلەر.
ئەمما ھەج سەپىرىدە ۋاجىپ بولغان ئەدەپلەر بولسا: ئىنسان ھەجنىڭ رۇكۇنلىرى ۋە ۋاجىباتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئېھراملىق ھالىتىدە ۋە باشقا ھالەتلەردىمۇ چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن بولۇپمۇ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الْحَجُّ أَشْهُرٌ مَعْلُومَاتٌ فَمَنْ فَرَضَ فِيهِنَّ الْحَجَّ فَلا رَفَثَ وَلا فُسُوقَ وَلا جِدَالَ فِي الْحَجِّ تەرجىمىسى: «ھەج ۋاقتى مەلۇم بىرقانچە ئايدۇر (يەنى شەۋۋال، زۇلقەئدە ئايلىرى ۋە زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر). بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلغان (ئېھرام باغلىغان) ئادەمنىڭ جىنسىي ئالاقىگە مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىشى، گۇناھ قىلىشى ۋە جاڭجال قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ» [سۈرە بەقەرە 197-ئايەت].
ھەج سەپىرىدە مۇستەھەپ بولغان ئەدەپلەر: ئىنسان ئىمكانىيىتى يار بەرگەن شەكىلدە ئېسىللىكىنى نامايەندە قىلىش كېرەك، ئۆزى بىلەن مېلى بىلەن ۋە يۈز ئابرۇيى بىلەن سەپەرداشلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، ئەزىيەتلىرىگە سەۋېر قىلىش، ئۇلارغا يامانلىق قىلىشتىن قول يېغىش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئېھراملىقنى كېيىشتىن بۇرۇن بولسىمۇ ياكى كېيىپ بولغاندىن كېيىن بولسىمۇ ئوخشاش، چۈنكى بۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلاردىندۇر. بۇ ھەرۋاقىت ۋە ھەر يەردە مۆمىندىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشتۇر. شۇنىڭدەك بۇ ئەخلاق مۇشۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىمۇ نامايەندە بولىدۇ.
ھەجدىن ئىبارەت بۇ ئىبادەتنى مۇكەممەل يول بىلەن ئادا قىلىش، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدىكى ئەدەپلەر بىلەن مۇكەممەل قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى" 16/21].
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.