1,361

ئايال كۈن ئولتۇرۇشتىن بەش مىنۇت ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالسا، روزىسىنى تاماملامدۇ؟

سوئال: 38027

    ئايالنىڭ ئايلىق ئادىتى شام نامىزىغا ئەزان ئوقۇشقا بەش مىنۇت قالغاندا باشلانسا، روزىسىنى تاماملامدۇ ياكى بۇزىۋېتەمدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن،

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئايال كىشىدىن كۈن ئولتۇرۇشتىن گەرچە بىر مىنۇت ئىلگىرى ھەيز كەلسىمۇ روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇ ئايال بۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ  "رامىزان ئېيى سۆھبىتى" ناملىق رىسالە 39-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " روزىدار ئايالدىن كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنلا ئادەت كەلگەن بولسا، ئايالنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. "

    ئايال ئادەت كەلگەندىن كېيىن روزا تۇتسا توغرا بولمايدۇ، ئەگەر روزىسىنى داۋاملاشتۇرسا ئادەت كەلگەندىن كېيىن داۋاملاشتۇرغان روزىسى توغرا بولمايدۇ.  ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى"  4 -توم 397 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئايال ئادەت كەلگەندىن كېيىنمۇ روزىنى نىيەت قىلسا، بۇنداق ھالەتتە روزا تۇتۇشنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، داۋاملاشتۇرسا، روزىسى توغرا بولماسلىقى بىلەن گۇناھكار بولىدۇ .

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android