1,742

پەرزەنتى پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىسى ئادا قىلغانلىق توغرىسىدا

سوئال: 3462

    بەزى ئاتىلار پەرزەنتى پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشقا قادىر تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىپ قويسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    پەرزەنت ئۆزى ئادا قىلىشقا قادىر بولسا، ئۆزى ئادا قىلسا بولىدۇ، ئەگەر ئاتىسى ئادا قىلىپ قويسا بۇمۇ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاتىلار پەرزەنتىلىرىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى كېچىكىدىن باشلاپ ئادا قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار چوڭ بولۇپ ھەتتا خىزمەتكە چىققاندىمۇ ئادىتى بويىچە ئادا قىلىپ قويىدۇ، بەزى ھالەتلەردە پەرزەنت ئاتىسىغا: مەن ئۈچۈن ئادا قىلماڭ، مەن ئۆزۈم ئادا قىلاي دەپ ئۆزىنىڭكىنى ئادا قىلىپ ئاتىسىنى ئايرىپ قويسا، بەلكىم ئاتىسى رەنجىپ قىلىشى ۋە خاپا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، بەزى ئالىملار ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئاتا-بالا ئارىسىدىكى باشلىنىشنىڭ سىمۋولى، پەرزەنتنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىتائىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىشى دائىرىسىدە قالغانلىقىدۇر، پەرزەنت ئاللاھ ئاسان قىلغان مۇددەتتە دادىغا بۇنى ئادا قىلىش پۇرسىتى بېرىشى كېرەك. ئاللاھ تائالادىن ھەممەيلەننىڭ ئەھۋالىمىزنى ئىسلاھ قىلىشنى سورايمىز.

مەرجەلەر

مەنبە

شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android