Table Of Contents
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئوغۇللارنى ھاياتى دۇنيانىڭ زىننىتى دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
- قىزلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىش، ياخشىلىق قىلىش بولسا ئىسلام دىنى ئىلىپ كەلگەن گۈزەل ئەخلاقتۇر.
- قىزلارنى خورلاش جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئەخلاقىدۇر.
- مەن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنى سىلەردىن كۆردۈم دېگەن ھەدىستىن بولغان مەقسەتنى بايان قىلىش.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سوئالدا زىكىر قىلىنغان ئاياللارنى خورلاش، شەنىنى چۈشۈرۈش دېگەن توغرا ئىش ئەمەس.
بىرىنچى:
قۇرئان كەرىمنىڭ ئوغۇللارنى ھاياتى دۇنيانىڭ زىننىتى دەپ سۈپەتلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
قۇرئان ئايەتلىرىدە ئوغۇللارنى دۇنيانىڭ زىننىتى دەپ سۈپەتلىگەن بولۇپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن خەۋەر بېرىشتۇر، ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئادەتتە ئەر كىشى كىشىلەر بار سورۇنلاردا ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئوغۇللىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن زىننەتلىنىپ پەخىرلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى ئۆزىنىڭ ئاتا قىلغان مۇشۇ نېمەتلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇپ بۇ كاتتا نېمەتلەرنىڭ مۇقابىلىسىدە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە تۈزكورلۇق قىلماسلىققا بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ بَنِينَ وَحَفَدَةً وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَتِ اللَّهِ هُمْ يَكْفُرُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟.» [سۈرە نەھىل 72 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ أَمَلًا تەرجىمىسى: «ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر». [سۈرە كەھەپ 46 -ئايەت.]
ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە قىلغان دۇئاسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ، وَاتَّقُوا الَّذِي أَمَدَّكُمْ بِمَا تَعْلَمُونَ، أَمَدَّكُمْ بِأَنْعَامٍ وَبَنِينَ، وَجَنَّاتٍ وَعُيُونٍ، إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ تەرجىمىسى: «سىلەر ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن». [سۈرە شۇئەرا 131 -ئايەتتىن 135 -ئايەتكىچە].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر" دېگەن بۇ ئايەتتە قىزلار زىكىر قىلىنماستىن ئوغۇللار زىكىر قىلىندى، چۈنكى ئۇ دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئادىتىدە پەخىرلەنسە پەقەت ئوغۇللار بىلەن پەخىرلىنەتتى، قىزلار جاھىلىيەت دەۋرىدە بەك خورلىناتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُمْ بِالْأُنْثَى ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ تەرجىمىسى: «ئۇلار: ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىق خوشخەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ». [سۈرە نەھىل 58 -ئايەت].
يەنى چىرايى قارىداپ، قەلبى ئاچچىققا توشۇپ كېتەتتى.
ئاللاھ تائالانىڭ: «دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر» دېگىنى يەنى: ئىنسان ئۆزىنىڭ يېنىدا ئەۋلادلىرى بولسا بۇنىڭ بىلەن زىننەتلىنىپ پەخىر قىلىدۇ، سىز مېھماندوست بولسىڭىز، يېنىڭىزدا ئون نەپەر ياش بولسا، ئۇلار مېھمانلارنى كۈتىۋالسا، ئىنسان بۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ بەك سۆيۈنىدۇ، بۇمۇ دۇنيا زىننىتىدىندۇر، شۇنىڭدەك، سىز ئاتلىق بولۇپ ئەتراپىڭىزدا ئاشۇ ياشلار ئالدى-كەينى، ئوڭ-سول تەرەپلەردىن ئوراپ تۇرسا، بۇنداق ھالەتتە ئەڭ كاتتا بىر گۈزەللىك ۋە زىننەتنى تاپىدۇ. ["كەھەپ سۈرىسىنىڭ تەپسىرى" 78--79 بەتلەر].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى بايان قىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئوغۇللار بىلەن پەخىرلىنىپ، ياخشى كۆرۈپ قىزلارنى تۆۋەن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ئىككىنچى:
قىزلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىش، ياخشىلىق قىلىش بولسا ئىسلام دىنى ئىلىپ كەلگەن گۈزەل ئەخلاقتۇر.
مۇسۇلمان كىشى قىزلارغا مېھرى-شەپقەتلىك، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياخشىلىق قىلىدىغان بولىشى بولسا شەرىئەت بۇيرىغان ئىشتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ يېنىمغا ئىككى قىزى بار بىر ئايال كېلىپ مەندىن بىر نەرسە سورىدى، مەن بىر تال خورمىدىن باشقا بىر نەرسە تاپالمىدىم، خورمىنى ئۇ ئايالغا بەردىم، ئايال خورمىنى ئىككى پارچە قىلىپ ئىككى قىزىغا بېرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيگە كەلگەندە، بولغان ئەھۋالنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى مۇشۇنداق قىزلارنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىپ، ياخشىلىق قىلسا، قىزلار ئۇ كىشى ئۈچۈن دوزاختىن توساق بولىدۇ، دېدى» [بۇخارى رىۋايىتى 5995-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2629-ھەدىس].
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئىككى قىز بالىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈپ قاتارغا قوشىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى مەن بىلەن مۇشۇنداق يېقىن ھالەتتە كېلىدۇ دەپ، بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە قوشتى». [مۇسلىم رىۋايىتى2631-ھەدىس].
بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەردىن: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۈچ قىزنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشىدىكەن، مېھرى-شەپقەت قىلىدىكەن، خەيرى-ئېھسان قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئەلۋەتتە جەننەت ۋاجىپ بولىدۇ»، بىرسى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىككى قىز بولسىچۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى قىز بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېدى. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە: ئەگەر بىر قىز بولسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ دەپ سورىغان بولسا، ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق بولىدۇ دەيتتى. [ئىمام ئەھمەد "ئەلمۇسنەد" 22 -توم 150 -بەت. مۇسنەدنى تەھقىق قىلغۇچىلار بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 6 -توم 397 -بەتتە زىكىر قىلغان].
ئاللاھ تائالا بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرىدى، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا تەرجىمىسى: «سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر ». [سۈرە ئەھزاپ 21 -ئايەت. ]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قىزلىرىنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلاتتى.
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىدا ئىدۇق، ھېچ بىرىمىز ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغان ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا كېرىپ كەلدى، ئۇنىڭ مېڭىشى گوياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مېڭىشىنىڭ ئۆزى ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىزىنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئېلىپ: خوش كەپسىز قىزىم دەپ ئۆزىنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىگە ئولتۇرغۇزدى ... » [بۇخارى رىۋايىتى 6285 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2450 -ھەدىس].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئولتۇرۇپ-قوپۇش، يۈرۈش-تۇرۇش، سۆز-ھەرىكەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ بەك ئوخشايدىغان بىرسى يوق، پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزاتتى....». [تىرمىزى رىۋايىتى 3872-ھەدىس. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى بۇ يولدىن: ھەسەن، سەھىھ، غەرىپ دېگەن. بۇ ھەدىس يەنە باشقا ئىسناد بىلەنمۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان.
مىخۋەر ئىبنى مەسلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پاتىمە مېنىڭ بىر پارچامدۇر، كىم ئۇنى غەزەپلەندۈرىدىكەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بولدى» [بۇخارى رىۋايىتى 3714 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2449-ھەدىس].
قىزلارنى خورلاش جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئەخلاقىدۇر.
قىزلارنى خارلاش، ئېتىبارغا ئالماسلىق دېگەن ئىسلام ئەھلىنىڭ ئەخلاقى ئەمەس، بەلكى ئۇ جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ ئەخلاقىدۇر.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ يَهَبُ لِمَنْ يَشَاءُ إِنَاثًا وَيَهَبُ لِمَنْ يَشَاءُ الذُّكُورَ، أَوْ يُزَوِّجُهُمْ ذُكْرَانًا وَإِنَاثًا وَيَجْعَلُ مَنْ يَشَاءُ عَقِيمًا إِنَّهُ عَلِيمٌ قَدِيرٌ تەرجىمىسى: «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر (ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى (يامانلىقنى) مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر» [سۈرە بەقەرە 284-ئايەت].
ئاللاھ تائالا ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدا تەقدىر قىلىنغان پەرزەنتتىن خەۋەر بەردى، پەرزەنتىنى ئاتا-ئانىسىغا ھەدىيە قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئاللاھ ئاتا قىلغان ھەدىيەنى ئۆچ كۆرسە، ياقتۇرمىسا، ئۇ ئىنسان ئاللاھنىڭ غەزىۋىگە ئۇچرىشى ھەقلىقتۇر.
ئاللاھ تائالا قىزلارنىڭ زىكرىنى باشلىدى....
بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: قىزلارنى خورلاش، ياقتۇرماسلىق ئاللاھ تائالا سۆككەن ۋە ئەيىبلىگەن جاھىلىيەتنىڭ ئەخلاقىدىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُمْ بِالْأُنْثَى ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ، يَتَوَارَى مِنَ الْقَوْمِ مِنْ سُوءِ مَا بُشِّرَ بِهِ أَيُمْسِكُهُ عَلَى هُونٍ أَمْ يَدُسُّهُ فِي التُّرَابِ أَلَا سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوشخەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ، يەتكۈزۈلگەن يامان خەۋەردىن قورقۇپ، ئۆز قەۋمىگە كۆرۈنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ نومۇسقا چىداپ قىزنى ساقلاپ قالامدۇ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا (تىرىك) كۆمەمدۇ؟ (شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ) ئۇلارنىڭ ھۆكمى (يەنى ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ، قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىشى) ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!» [سۈرە نەھىل 58-59-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوشخەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ».
ئاللاھ تائالا ئاياللار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: إِنْ كَرِهْتُمُوهُنَّ فَعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئًا وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْرًا كَثِيرًا تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن». [سۈرە نىسا 19-ئايەت].
ئىنسان ئۈچۈن قىزلار دۇنيا-ئاخىرەتتە كۆپ ياخشىلىقنى جەلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭدا ئاللاھ تائالا بەندىسىگە رازى بولۇپ بەرگەن نەرسىنى ياقتۇرماسلىق ۋە ئۆچ كۆرۈش ئۇ كىشىگە يېتەرلىك جىنايەتتۇر.
سالىھ ئىبنى ئەھمەد مۇنداق دەيدۇ: "ئاتامغا قىز پەرزەنت تۇغۇلسا: پەيغەمبەرلەر قىزلارنىڭ ئاتىسى بولغان ئېدى دەيتتى. ["تۆھپەتىل مەۋدۇد" 24-31-بەتلەر].
يەقۇپ ئىبنى بەختان مۇنداق دەيدۇ:مېنىڭ يەتتە قىزىم بولدى، ھەر قېتىم مېنىڭ بىر قىزىم تۇغۇلسا، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل يېنىمغا كېرىپ: ئى يۈسۈپنىڭ ئاتىسى! پەيغەمبەرلەرنىڭ قىزلارنىڭ ئاتىسى ئېدى دەيتتى، ئۇنىڭ سۆزى بىلەن قىزلار توغرىسىدىكى غەملىرىم كېتىپ قالاتتى.
ئاللاھ تائالا پەرزەنتلەر ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشقا بۇيرىدى.
نۇمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلىڭلار» [بۇخارى رىۋايىتى 2587 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2587-ھەدىس].
بەزى ئالىملار پەرزەنتلەرنىڭ ئارىسىنى ھەتتا سۆيۈپ قويۇشتىمۇ ئادىللىق قىلىشقا بۇيرۇپ بىرسىنى سۆيۈپ قويسا قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن باشقىلىرىنىمۇ سۆيۈپ قويۇش كېرەك دەپ قارايدۇ.
ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار شۇ بويۇنچە ئەمەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، ئۇلار پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەرزەنتلىرىنى سۆيۈپ قويۇشتىمۇ ئادىللىقنى تەشەببۇس قىلغان، بەزىلەر ھەدىيە-سوغات بېرىشتىمۇ قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىپ ئادىللىق بىلەن بېرىش كېرەك دېگەن". ["سۈنەن تىرمىزى" 3- توم 640-بەت].
قىزلارنى ئايرىپ قويۇپ، ئوغۇللارنى سۆيۈپ، ياخشى كۆرۈپ ئېھسان قىلىش دېگەن ئادىللىق بولماستىن بەلكى ئۇ زۇلۇمدۇر.
ئۈچىنچى:
مەن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمىنى سىلەردىن كۆردۈم دېگەن ھەدىستىن بولغان مەقسەتنى بايان قىلىش.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمى كۆردۈم دېگەن ھەدىسى بىلەن قىزلارنى ياخشى كۆرمەسلىك ياكى قىز تۇغۇلسا ئۇنى ئۆچ كۆرۈشنىڭ ئارىسىدا ھېچ بىر باغلىنىش يوق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىسنى ئايال ساھابىلارنى سۆكۈش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇلارنى ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن سۆزلىگەن.
ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىمۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاياللار جامائىتى! سەدىقە قىلىڭلار، مەن سىلەرنى دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى كۆردۇم». ئاياللار: نېمە ئۈچۈن ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟! دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر لەنەتنى كۆپ قىلىسىلەر، ئېرىڭلارغا تۇزكورلۇق قىلىسىلەر، ئى ئاياللار جامائىتى! سىلەردىنمۇ بەكرەك كەسكىن ئىرادىلىك ئەر كىشىنىڭ ئەقلىنى كەتكۈزىۋېتىدىغان بىرەرسىنى كۆرمىدىم دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 1462- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى80-ھەدىس].
ئايالمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش جەننەت بىلەن خوش بىشارەت بېرىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ تەرجىمىسى: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ)ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» [سۈرە نەھىل 97-ئايەت].
ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئىكرام قىلىشى ئاياللارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالامدۇ؟.
ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان بۇ ئايىتى: وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ وَحَمَلْنَاهُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقْنَا تَفْضِيلًا تەرجىمىسى: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۇردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق» [سۈرە ئىسرا 70-ئايەت].
ئاياللارنىمۇ ئىززەت-ئىكرام قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ پارچىسىدۇر» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 236-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 113-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ: "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 6-توم 860-بەتتە كەلتۈرگەن].
خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ پارچىسىدۇر» دېگەن سۆزى: يارىتىلىش ۋە تەبىئەتتە ئۇلارغا ئوخشاش، گوياكى ئۇلارمۇ ئەرلەرنىڭ بىر پارچىسى دېمەكتۇر.
بۇنىڭدىكى پىقھى مەسىلىلەردىن: قىياسنى ئىسپاتلاش، ئوخشاشنىڭ ھۆكمىنى ئوخشاشقا قېتىش، خىتاب ئەرلىك لەۋزى بىلەن كەلسىمۇ ئۇنىڭ ئاياللارغىمۇ خىتاب ئىكەنلىكى، لېكىن ئاياللار خاس بولغان دەلىللەر بىلىنگەندە، ئۇنىڭ ئاياللارغا خاس بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ". ["مەئالىمۇس سۈنەن" 1 -توم 79 -بەت. ]
ئىسلامدا ئىززەت-ئىكرامنىڭ يادرۇسى تەقۋادارلىق بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئەرلىك ياكى ئاياللىق ئەمەس، كىمكى ھەقىقى تەقۋادار بولىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھۆرمەتلىك بولىدۇ.
بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» [سۈرە ھۇجرات 13 -ئايەت.]
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكراقى كىم؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلارنىڭ ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرى دېگەن». [بۇخارى رىۋايىتى3353 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2378 -ھەدىس].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.