بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت-قانۇن ئىنسانلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان: ئەقىدە-ئېتىقاد، ئىبادەت، مۇئامىلات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاخىرقى شەرىئەتتۇر، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ پەيغەمبەر كەلمەيدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى شەرىئەت بىلەن ئەۋەتىلگەندۇر. ئۇنىڭ شەرىئىتىدىن كېيىن باشقا بىر شەرىئەت بولمايدۇ، ھەتتا ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشكەندىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئويلانغان، سۈننەت-ھەدىسكە نەزەر سالغان، پىقھى كىتابلىرى ۋە يېڭىدىن يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان كىشى بۇنى بىلىپ يىتەلەيدۇ.
ھۆكۈملەر قۇرئان-ھەدىستىن ئېنىق دەلىل بايان قىلىنغان بولىدۇ، بۇ ئىنسانلار ئايرىم-ئايرىم ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھۆكۈملەرنىڭ ئۇسۇلىنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.
ياكى ئېنىق دەلىل بايان قىلىنغان بولمايدۇ، لېكىن پەقىھ ئالىم ئىزدىنىش ئارقىلىق، ساھابىلارنىڭ ئەسەرلىرى ياكى دەلىل بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرگە سېلىشتۇرۇش-قىياس-ياكى ھۆكۈمگە ھەمراھ قىلىش ياكى ئومۇمى مەنپەئەت ياكى يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك باشقا شەرئى دەلىللەر ئارقىلىق ئۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: أَفَغَيْرَ اللَّهِ أَبْتَغِي حَكَمًا وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ إِلَيْكُمُ الْكِتَابَ مُفَصَّلاً وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْلَمُونَ أَنَّهُ مُنَزَّلٌ مِنْ رَبِّكَ بِالْحَقِّ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) ئاللاھدىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن» [سۈرە ئەنئام 114-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَنَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ تِبْيَانًا لِكُلِّ شَيْءٍ تەرجىمىسى: «ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق» [سۈرە نەھىل 89-ئايەت].
ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: «مەن بۇيرىغاندىن باشقا سىلەرنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەل يوق، مەن توسقاندىن باشقا سىلەرنى دوزاخقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەل يوق، سىلەردىن ھېچ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ رىزقىنى كېچىكتۈرمىسۇن، ھەقىقەتەن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ماڭا ۋەھىي قىلىپ: سىلەردىن ھېچ بىرىڭلارنىڭ ئۆزىنىڭ رىزقىنى تاماملىماي تۇرۇپ دۇنيادىن كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئى ئىنسانلار! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، تەلەپنى چېرايلىق قىلىڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ رىزقى كېچىكىپ قالسا، ئۇنى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن تەلەپ قىلمىسۇن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ پەزلىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ». [ئىبنى ئەبى شەيبە "ئەل مۇسەننىپ" 34332-ھەدىس. ھاكىم "ئەل مۇستەدرەك" 2-توم 5-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ"ئەتتەرغىيب ۋەت تەرھىيبنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە" 1700- كەلتۈرگەن].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەت ئەھكاملىرى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:
بىرى: شەرىئەتتە ئۆچۇق دەلىل بايان قىلىنغانلىرى: مەسىلەن: مائىدە سۈرىسى 3-ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك: حُرِّمَتْ عَلَيْكُمُ الْمَيْتَةُ وَالدَّمُ وَلَحْمُ الْخِنْزِيرِ وَمَا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ تەرجىمىسى: «سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھدىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، (ئېگىزدىن) يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان (نىڭ گۆشىنى يېيىش) ھارام قىلىندى».
ئاللاھ تائالانىڭ: وَأُحِلَّ لَكُمْ مَا وَرَاءَ ذَلِكُمْ تەرجىمىسى: «بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى زىنادىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بولغىنىڭلار ھالدا، ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى» [سۈرە نىسا 24-ئايەت].
بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپ.
يەنە بىرى: شەرىئەتتە ئۇنىڭ ئۆزىگە دەلىل بايان قىلىمىغانلىرى: لېكىن ئۇ شەرىئەتتىكى ئومۇمى دەلىللەردىن ۋە ئومۇمى قائىدىلەردە زىكىر قىلىنىدۇ، ئۇنداق بولىشى، شەرىئەت ھەممە نەرسىنى ئومۇمى شەكىلدە ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەر بىر مەسىلىنىڭ ئۆزىگە دەلىل بايان قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.
لېكىن بۇ يەردە ئومۇمى بىر قائىدە بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ئىنئام قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ كىشى كېيىنكى جۇزئى مەسىلىلەرنى مۇشۇ ئومۇمى قائىدىنىڭ ھۆكمىگە قېتىشقا قادىر بولالايدۇ، بۇنىڭ مىسالى: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زىيان يەتكۇزۇشكە بولمايدۇ» دېگەن ھەدىس. بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىدە نەزەر بولسىمۇ لېكىن شەرىئەت قائىدىسى بۇنىڭغا شاھىت بولىدۇ. يەنى زىيان بولىدىغان مىڭلارچە مەسىلىلەرنى بۇ قائىدىگە كىرگۈزۈش مۇمكىن بولىدۇ، شۇنىڭدەك دەلىل بايان قىلىنمىغان مىڭلارچە مەسىلىلەرنى بۇنىڭغا قاتقىلى بولىدۇ.
مەسىلەن: مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە مۇنداق بىر ۋەقە بولغان: ئىككى كىشى ئارىسىدا داۋا بولغان، ئۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرىنىڭ ئىككى پارچە زېمىنى بولۇپ، بۇ ئىككى پارچە يەرنىڭ ئوتتۇرىدا يەنە بىر كىشىنىڭ بىر پارچە يېرى بار ئىكەن، ئىككى پارچە زېمىنى بار كىشى بىر تەرەپتىكى يېرىدىن يەنە بىر تەرەپتىكى يېرىگە سۈ ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ، ئوتتۇرىدا يېرى بار كىشى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى پارچە يېرى بار كىشى يېرىگە سۇ ئۆتكۈزەلمەي ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەرز قىلىپ كېلىدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئوتتۇرىدا يېرى بار كىشىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي سۇ ئۆتكۈزۈشكە بۇيرىيدۇ. ئاندىن ئۇ كىشىگە: سۇنى سېنىڭ قورسىقىڭنىڭ ياكى دۇمبەڭنىڭ ئۈستىدىن ئېقىتىپ بولسىمۇ ئۆتكۈزىمەن دەيدۇ. ئۆز زېمىنىدىن سۇنىڭ ئۆتىشىنى چەكلىگەن كىشى بۇ ئارقىلىق يەنە بىر كىشىگە زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بولدى، ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا ئۆزىگە پايدا بولاتتى، يەنى زېمىندىن سۇ ماڭغاندىن كېيىن ئۇنىڭ باھانىسىدا بۇ يەرگە زىرائەت تېرىيتتى ياكى كۆچەت تىكەتتى، بۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى". "ئوچۇق سۆھبەت" 18-سان 122-بەت.
بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغان ئايەتلەردىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزى ئىنسانلار ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، ئالىملارنىڭ نەزىرىدە بۇنىڭ ئىككى يولى بولىدۇ:
ئۇنىڭ بىرى: قۇرئان كەرىم سۈننەتنىڭ، ئىجمانىڭ ۋە قىياسنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، مۇشۇ دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى قۇرئان بۇنىڭغا دالالەت قىلغان دېيىش توغرا بولىدۇ.
ئىككىنچىسى: ئەگەر بەزى مەسىلىلەر ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىدا قالسىمۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزى ئاشۇ يوللاردىن بولغان بىر يولنىڭ بايانىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
بۇ ئورۇن قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئورۇن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئۆز ئېچىگە ئالغان ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان شەرئى مەنبەلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئورۇندۇر، لېكىن بىز بۇ يەردە كۆپچىلىك پىقھى ئالىملارنىڭ سۆزى بولغان بىرىنچى يولنى زىكىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىمام پەخرىددىن رازى مۇشۇ ئىككىنچى يولدا بېكىتكەن پايدىلارنى زىكىر قىلىمىز.
ئىمام رازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ كىشىنىڭ: بۇ كىتاپ ئۇسۇل ۋە شاخچە ئىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ دېگەن سۆزى كۆرە مۇنداق دەيمىز: ئەمما ئۇسۇل ئىلمى ئۆزىنىڭ تامامى بىلەن بۇنىڭدا بار، چۈنكى ئۇنىڭدا زىكىر قىلىنغان ئەسلى دەلىللەر ئەڭ پاساھەتلىك يول بىلەن زىكىر قىلىنغان.
مەزھەپلەرنىڭ رىۋايەتلىرى، سۆزلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى بۇ يەردە زىكىر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمما شاخچە-پەرئى ئىلىملەرنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا بىز: بۇ يەردە ئالىملار ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك قاراش بار دەيمىز:
بىرىنچى: ئۇلار: قۇرئان كەرىم ئىجما، بىر كىشىنىڭ خەۋىرى، قىياسنىڭ شەرىئەتتە ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ ئۈچ قائىدىنىڭ بىرى ئىسپاتلىغان ھەر قانداق نەرسە ھەقىقەتتە قۇرئان كەرىمدە مەۋجۇت بولغان ئېدى.
ۋاھىدى رەھىمەھۇللاھ مۇشۇ مەنا ئۈچۈن ئۈچ مىسالنى بايان قىلدى:
بىرىنچى مىسال: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا لەنەت قىلغان كىشىگە مەن نېمە ئۈچۈن لەنەت قىلمايمەن!، يەنى: مەڭ چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچى، چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچىلارغا لەنەت قىلىمەن. بەزى رىۋايەتكە كۆرە، بىر ئايال قۇرئان كەرىمنى باشتىن ئاخىرغىچە تولۇق ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئىبنى ئۇممۇ ئەبدى! مەن ئەتتىگەندە قۇرئان كەرىمنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنىڭدا مەڭ چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىگە لەنەت قىلىنغانلىق توغرىسىدىكى ئايەتنى تاپالمىدىم دېگەندە، ئىبنى مەسئۇد: ئەگەر سەن ھەقىقى ئوقۇغان بولساڭ ئەلۋەتتە تاپاتتىڭ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى چىڭ تۇتۇڭلار»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن نەرسە بولسا: «ئاللاھ تائالا مەڭ چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىگە لەنەت قىلدى» دېگەن ھەدىستۇر دېدى.
مەن دەيمەنكى: بۇ مەنانى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئۇنىڭدىن ئوچۇق يول بىلەن تېپىش مۇمكىن بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ نىسا سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: إِن يَدْعُونَ مِن دُونِهِ إِلَّا إِنَاثًا وَإِن يَدْعُونَ إِلَّا شَيْطَانًا مَّرِيدًا ، لَّعَنَهُ اللَّهُ تەرجىمىسى: «ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ ئاللاھ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى» [سۈرە نىسا 117-118-ئايەت]. يەنى ئۇنىڭغا لەنەت بىلەن ھۆكۈم قىلىندى، ئاندىن ئۇنىڭ قەبىھ ئىشلىرىنى زىكىر قىلدى ۋە ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ﴿وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن». بۇ ئايەتنىڭ كۆرۈنىشى مەخلۇقاتلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ لەنەتنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچى مىسال: بايان قىلىنىشچە: ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ ھەرەم مەسچىتىدە ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: "مەندىن ھەرقانداق بىر مەسىلە سورىساڭلار مەن سىلەرگە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن جاۋاپ بېرىمەن دېدى، بىر كىشى: ئېھراملىق كىشى ھەرە ئۆلتۈرسە بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟ دېدى، ئىمام شاپىئى: ھېچ نەرسە بولمايدۇ دېدى، ئۇ ئادەم: بۇنىڭغا قۇرئاندىن دەلىل كەلتۈرگىن دېدى، ئىمام شاپىئى مۇنداق دېدى : ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى چىڭ تۇتۇڭلار» ئاندىن ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان ئىسنادنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سۈننىتىمنى، مەندىن كېيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى لازىم تۇتۇڭلار» ئاندىن بۇ سۆزنىڭ ئىسنادىنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا يەتكۈزۈپ ئۇ زات مۇنداق دېگەن: « ئېھراملىق كىشى ھەرە ئۆلتۈرسە بولىدۇ» دەيدۇ.
ۋاھىدى مۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشىگە ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئۈچ باسقۇچلۇق ھۆكۈم چېقىرىپ جاۋاپ بەردى.
مەن دەيمەن: بۇ يەردە بۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق بىر يول بار، ئۇ بولسىمۇ، ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكى ساقلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَهَا مَا كَسَبَتْ وَعَلَيْهَا مَا اكْتَسَبَتْ تەرجىمىسى: «كىشىنىڭ قىلغان ياخشىلىقى (نىڭ ساۋابى) ئۆزىگىدۇر، يامانلىقى (نىڭ جازاسى) مۇ ئۆزىگىدۇر» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا يَسْأَلْكُمْ أَمْوَالَكُمْ تەرجىمىسى: «مال ـ مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى (بېرىشنى) سورىمايدۇ، پەقەت زاكاتنى بېرىشىڭلارنى سورايدۇ» [سۈرە مۇھەممەد 36-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تەرجىمىسى: لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُم بَيْنَكُم بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَن تَكُونَ تِجَارَةً عَن تَرَاضٍ مِّنكُمْ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا» [سۈرە نىسا 29-ئايەت].
تىجارەت يوللىرىدىن باشقا باتىل يوللار بىلەن كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىشتىن چەكلىدى. تىجارەت يولى بىلەن بولمىغاندا، ئەسلىدىكى ھاراملىق ھالىتىدە قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، مۇشۇ ئومۇمى دەلىللەر ئېھراملىق ھالەتتە ھەرە ئۆلتۈرگەن كىشىگە ھېچ نەرسىنىڭ ۋاجىپ بولمايدىغانلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنداق بولىشى: مۇشۇ ئومۇمى قائىدىلەرنى چىڭ تۇتۇش ھۆكۈمنى بىر مەرتىۋېدە ۋاجىپ قىلىدۇ.
ئۈچىنچى مىسال: ۋاھىدى مۇنداق دەيدۇ: خوجايىننىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان ئىشلەمچىنىڭ ۋەقەلىكىدە، ئۇ ئىشلەمچىنىڭ ئاتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىپ قويسىلا دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن، ئاندىن ئىشلەمچىنىڭ يۈز دەررە ئۇرۇپ بىر يىل سۈرگۈن قىلىش، خوجايىننىڭ ئايالىنى ئەگەر ئۇ ئايال ئېتىراپ قىلسا، چالما-كېسەك قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى».
ۋاھىدى مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان ئايەتلىرىدە يۈز دەررە ئۇرۇش ۋە بىر يىل سۈرگۈن قىلىش دەپ يوق، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۆكۈم قىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مەن دەيمەن: بۇ ھەقىقى مىسال، چۈنكى ئاللاھ تائالا: «بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) تەپەككۇر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق»دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئاستىغا كېرىدۇ.
مۇشۇ مىساللار بىلەن شۇ ئىسپاتلاندىكى، ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ئىجمانىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكى، بىر كىشىنىڭ خەۋىرىنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكى ۋە قىياسنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، مۇشۇ ئۈچ يولنىڭ بىرىدىن ئىسپاتلانغان ھەرقانداق بىر ھۆكۈم ھەقىقەتتە قۇرئان كەرىم بىلەن ئىسپاتلانغان بولدى. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ: «لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)»دېگەن سۆزى نامايەندە بولىدۇ.
بۇ مۇشۇ سۆزنىڭ تەقرىرىدۇر، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرى بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان.
ئىككىنچى سۆز: مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى توغرىسىدا سۆز قىلغۇچىلار: بارلىق ھۆكۈملەرنى بايان قىلىشقا قۇرئان كۇپايە قىلىدۇ دەيدۇ.
بۇنىڭ بېكىتىلىشى: ئەسلىدە بارلىق كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە مەسئۇلىيەت بولمايدۇ، مەسئۇلىيەتنىڭ يۈكلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم ئايرىم دەلىل بولۇش كېرەك، مەسئۇلىيەت چەكلەنمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈم كەلمىگەن تۈرلەرگە دەلىل كەلتۈرۈش كېرەك، چۈنكى ئۇنىڭدا مەسئۇلىيەت كەلمەيدىغان تۈرلەر چەكسىز بولۇپ، چەكسىز نەرسىگە دەلىل بايان قىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمايدۇ بەلكى دەلىلنى چەكلىك بولغان نەرسىلەرگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولىدۇ.
مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە يۈكلەيدىغان مىڭ تەكلىپ بولسا، ئۇنى قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلدى، مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنى ئاشۇ مىڭ تەكلىپنى بەندىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق دېدى: «لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)»، بۇنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بەندىلىرىگە ئاشۇ مىڭ تەكلىپتىن باشقا بىر تەكلىپ يوق دېمەكتۇر، ئاندىن بۇ ئايەتنىڭ ئۆزىنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن تەكىتلىدى: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم» [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].
يەنە بۇ سۆزىمۇ ئىلگىرىكى ئايەتنى تەكىتلەيدۇ: وَلَا رَطْبٍ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُّبِينٍ تەرجىمىسى: «مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر» [سۈرە ئەنئام 59-ئايەت].
بۇ ئاشۇلارنىڭ مەزھىبىنىڭ بېكىتىلىشىدۇر، بۇنى تەكشۈرگەندە، بۇ پىقھىنىڭ ئۇسۇلىغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
[ "تەپسىر رازى" 12-توم 527-528-بەت].
ئاگاھلاندۇرۇش: ئاللاھ تائالانىڭ: «لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)»، [ئەنئام سۈرىسى 38-ئايەت] توغرا قاراشتا: بۇ يەردە كىتاپتىن بولغان مەقسەت ئاللاھ تائالا خالايىقلارنىڭ تەقدىرىنى پۈتىۋەتكەن لەۋھۇلمەھپۇزدۇر، بۇ مۇشۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان.
لېكىن بۇ يەردە دەلىل كەلتۈرۈشتە بۇ ئايەتتىن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بىھاجەت قىلىدۇ: وَنَزَّلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ تِبْيَانًا لِكُلِّ شَيْءٍ تەرجىمىسى:«ساڭا بىز كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر موھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق» [سۈرە نەھىل 89-ئايەت].
"تەپسىر ئىبنى جەرىر" 9-توم 234-بەت، "تەپسىر ئىبنى كەسىر" 3-توم 253-بەت ۋە "تەپسىر سەدى"255-بەت.
ئىككىنچى: تىبابەت ۋە ئىقتىسادقا ئالاقىدار، سۈنئى چاڭلاشتۇرۇش، ئىنجىنىرلىق، ئىلىكتۇرۇنلۇق پۇل-مۇئامىلە سودىسى دېگەندەك يېڭى ۋەقەلەر يۈز بەرسە، بۇ توغرىدا ئاللاھنىڭ كىتابىدا ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە دەلىل بولمىسا، ئالىملار بۇ ئىشلارغا ھۆكۈم بېرىشتە ئىلىم ئىگىلىرى شەرىئەتنىڭ مەقسىدىگە رىئايە قىلغان، ئومۇمى قائىدىلەرنى ئىشلەتكەن ھالەتتە ئەسلىدىكى ھۆكۈملەرگە سېلىشتۇرۇپ-قىياس قىلىپ- ھۆكۈم چېقىرىشتا تىرىشچانلىق قىلىدۇ، مەسىلە قانداق بولسۇن، نەقلى دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا، ئىلىم ئىگىلىرى ئۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىگە يېتىشى مۇمكىن بولىدۇ. بۇنىڭغا ئەسلىدىكى دۇرۇسلۇقىنى ياكى چەكلىمىنى ھەمراھ قىلىش بىلەن بولسىمۇ دەلىل كەلتۈرىدۇ، ئىسلام شەرىئىتىدە ھۆكمى بولمىغان بىر مەسىلىنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: شەيخ شەنقىتىينىڭ "ئەزۋائۇل بايان ناملىق تەپسىرىدىكى" ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىگە قارالسۇن: إِنَّ هَذَا الْقُرْآنَ يَهْدِي لِلَّتِي هِيَ أَقْوَمُ تەرجىمىسى: «بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ» [سۈرە ئىسرا 9-ئايەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانلار ھەممە ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان بارلىق ھۆكۈملەرنى تولۇق بايان قىلدى، چۈنكى بۇ بارلىق دىن-شەرىئەتلەرنىڭ تۈگەنچىسىدۇر، مۇكەممەل، كامىل دىندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.