بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: كۈچلۈك قاراشلارغا كۆرە، سىز بۇ خورمىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى ساتقان كىشىنىڭ ئۆزىگە ساتسىڭىز دۇرۇس بولىدۇ، بۇ تاپشۇرۇپ ئالىدىغان نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى سېتىش سودىسى بولىدۇ، ئۇنى ساتقۇچىنىڭ ئۆزىگە ساتسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى قەرزنى ئۈستىدە قەرزى بولغان كىشىگە سېتىش دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن ئۇنى شۈ كۈنلۈك باھاسى بويىنچە سېتىش شەرت قىلىنىدۇ، يەنى سودا قىلغان كۈندىكى باھاسى بويىنچە ياكى ئۇنىڭدىن ئەرزانراق بولسا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن قىممەت بولسا بولمايدۇ، چۈنكى سىز ئۇنى ئۇ كىشىگە پۇلغا ساتتىڭىز، بۇنى نەخ ساتسىڭىزمۇ ياكى نېسى ساتسىڭىزمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئۇ قەرزنى ئارپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرگە ساتسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا نېسى سېتىش چەكلىنەتتى، سودا قىلغاندىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئېلىش كېرەكتى، سىزنىڭ مال ساتقان كىشىگە قەرزنى خورمىغا سېتىپ ئۇنى نېسى قىلىشىڭىز ۋە ئەسلىدىكىدىن زىيادە سېتىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى خورمىنى خورمىغا سېتىشتا: تەڭ-باراۋەر بولۇش ۋە سودا قىلغاندىن كېيىنلا تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرت قېلىنىدۇ. بۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزى بولۇپ، ئىمام ئەھمەدتىن شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە، ئىبنى قەييىممۇ بۇ قاراشنى تاللىغان". ["پىقھى توپلاملىرى" 25-توم 218-بەت].
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بىر كىشى: تاپشۇرۇپ ئالىدىغان مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى سېتىش دۇرۇسمۇ؟ دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋاپ: ئۇنى مالنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىنىڭ ئۆزىگە ساتسا دۇرۇس بولىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا: ھەتتا ئۇنى باشقا يات كىشىگە ساتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن بۇ قاراشقا قاراپ چىقىش كېرەك، چۈنكى ھەقىقەتتە بۇ قەرىزنى باشقا كىشىگە ساتقاندا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلىشىمۇ قېيىن بولىدۇ، بۇنى باشقا كىشىگە ساتقاندا، تاپشۇرۇپ ئالمىغان نەرسىنى ساتقانلىق بولىدۇ.
بۇ مەسىلىنى بەك كېڭەيتىۋېتىش ياخشى كۆرەلمەيدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ: قەرزنى قەرزدارنىڭ غەيرىگە سېتىش مەسىلىسىدە ئۇنى ئېلىشقا كۈچى يېتىدىغان بولۇشنى شەرت قىلىدۇ، مالنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىنىڭ ئۆزىگە ساتقاندا ئۇنىڭدا ئۈچ تۈرلۈك شەرتنىڭ بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ:
بىرىنچى: پايدا ئالماسلىق كېرەك، شۈ كۈندىكى باھا بويىنچە ساتىدۇ، چۈنكى ئەگەر شۈ كۈندىكى باھادىن يۇقىرى ساتسا، ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدىن پايدا ئالغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئىگە بولالمىغان نەرسىدىن پايدا ئىلىشتىن چەكلىگەن. مەسىلەن: بىر كىشىگە يۈز كىلۇ بۇغداي ئالىمەن دەپ يۈز دىرھەم پۇل بەرگەن بولۇپ، بۇغداينى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتتا، يۈز كىلۇ بۇغداينىڭ باھاسى ئىككى يۈز دىرھەم بولسا، مالنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان كىشى، مالنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان كىشىگە ئىككى يۈز ئەللىك دىرھەمگە ساتىمەن دېسە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى بۇ بۇغداينى تاپشۇرۇپ ئالماي، ئۆزىنىڭ مۈلكىگە قاتماي تۇرۇپ پايدا ئالغان بولدى، بۇ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدە پايدا ئىلىش بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە: ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدە پايدا ئالماسلىق ئۈچۈن مالنى شۈ كۈندىكى باھا بويىنچە دېيىشسە بولىدۇ، دېگەن.
ئەگەر يۈز سا بۇغداي ئىككى يۈز دىرھەمگە باراۋەر كەلسە، ئۇنى بىر يۈز ئەللىك دىرھەمگە ساتسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى شۈ كۈندىكى باھاسى بويىنچە ساتسا دۇرۇس بولىدىغان يەردە، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك باھادا ساتسا ئەلۋەتتە دۇرۇس بولىدۇ.
بىز زىيادە سېتىشنىڭ سەۋەبىنى ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدە پايدا ئالماسلىق دەپ كەلتۈردۇق، بۇنداق ساتقاندا پايدا ئالمايدۇ بەلكى زىيان تارتىدۇ.
شۈ كۈندىكى باھاسى بويىنچە دېگەنلىك، ئارتۇق ساتماسلىق دېمەكتۇر، ئەگەر تۆۋەنرەك سېتىپ بەرسىڭىز ياخشى ئىش قىلغان بولىسىز.
ئىككىنچى شەرت: نىسى شەكىلدە جازانە ھاسىل بولىدىغان نەرسىلەرنى ساتقاندا، ئىككى تەرەپ ئايرىلىشتىن ئىلگىرى (يەنى پۇلنى ياكى شۇنىڭ مىقدارىدىكى كىلىشكەن نەرسىنى) تاپشۇرۇپ ئېلىش يۈز بېرىشى كېرەك. مەسىلەن: بۇغداينى ئارپىغا ساتقاندا، يۈز كىلۇ بۇغداينى ئىككى يۈز كىلۇ ئارپىغا ساتسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇنىڭ شەرتى ئايرىلىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئېلىش كېرەك. چۈنكى بۇغداي بىلەن ئارپىنىڭ سودىسىدا ئايرىلىشتىن بۇرۇن مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرت قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «شۈ كۈننىڭ باھاسىدا ئېلىپ-ساتساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا سودىغا ئالاقىدار بىر نەرسە قالمىسۇن، چۈنكى ئالتۇننى كۈمۈشكە ياكى كۈمۈشنى ئالتۇنغا ساتقاندا ئايرىلىشتىن بۇرۇن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مالنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئىلىشى شەرت قىلىنىدۇ».
ئۈچىنچى شەرت: ئۇ پۇلنى باشقا مالغا ھېساپلىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئۇ پۇلنى باشقا مالغا ھېساپلىسا، ئۇنىڭدا پايدا ئېلىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىدە پايدا ئېلىش بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: يۈز كىلۇ بۇغداينى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئىككەيلەن: بۇنى بەش قويغا پۇل بەرگەن ھېساپلايلى، قوينىڭ سۈپىتى مۇنداق بولسۇن، يېشى مۇنداق بولسۇن دەپ دېيىشكەن بولسا (چۈنكى ھايۋانلاردا ئالدىدىن پۇل بېرىش دۇرۇس بولىدۇ) -بۇ ئىلگىرى بايان قىلىنغان- بۇ دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كۆپ ۋاقىتتا پايدا ئالىدۇ، بەش قوي بىر يۈز يىگىرمە كىلۇ بۇغدايغا باراۋەر كېلىشى مۇمكىن، بۇنداق قىلىش ھەر ۋاقىتنىڭ قەرىزنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىت كەلسە، ئۇنى باشقا بىر مالغا ئايلاندۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، بۇ مۇشۇ يول بىلەن قەرزنى ئۆزگەرتىپ قەرزدارنىڭ زىممىسىدە قەرزنى زىيادە قىلىشقا ئىلىپ بارىدىغان چارىدۇر، ھەر قېتىم قەرزنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇنى باشقا بىر مالغا ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۇ كىشىنى قاتمۇ-قات قەرزگە بوغىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك شەرت بىلەن دۇرۇس بولىدۇ.
ئەمما بىزنىڭ مەزھەپتە: قەرزنى بۇ شەكىلدە سېتىش مۇتلەق دۇرۇس بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: «كىمكى بىر نەرسىگە ئالدىدىن پۇل بەرسە، ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ، باشقا بىر نەرسىگە ئۆرىۋەتمىسۇن». بۇ ھەدىسنى ئىلگىرى بايان قىلغان ئىدۇق.
لېكىن ئىبنى قەييىم"تەھزىيب ئەسسۈنەن"دە تەتقىق قىلغاندەك بۇ ھەدىس زەئىپ. ھەدىسنى سەھىھ دەپ قارىغاندىمۇ: ئۇنىڭدىن: كىمكى بىر نەرسە ئۈچۈن ئالدىدىن پۇل بەرگەن بولسا، ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغاندا، باشقا بىر نەرسىگە ئۆرىمىسۇن يەنى ئەسلى سەرمايىنى يېڭىدىن بىر نەرسىگە ھېساپ قىلمىسۇن دېمەكتۇر.
ئەمما بىز بۇ ھەدىسنى سەھىھ ئەمەس دېسەك، ئۇ كىشىنىڭ سودىسى ئەسلى ئېتىبارى بىلەن ھالال بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى» [سۈرە بەقەرە 275-ئايەت].
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بۇ سودىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئالدىدىن مالغا پۇل بېرىش بىلەن باشقا شەكىلدە بەرگەن قەرزنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، ئەگەر بۇنىڭ ئارىسىدا پەرق بار دېگەن كىشى بۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرسۇن". ["شەرھىل مۇمتى" 9-توم 87-بەت].
ئىككىنچى: ساتقۇچى سىزگە خورمىنى تاپشۇرۇپ بەرسە، سىزنىڭ ئۇ كىشىدىن ئۆتكۈزىۋەتكەن پۇرسەتلەر ياكى ئۈزۈن ساقلاش ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان پايدىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى قەرزدە ۋاقىتنى سوزىۋەتتى دەپ ئۇنىڭدىن تۆلەم ئېلىش جازانە بولىدۇ.
ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ شەرتنىڭ جازاسى توغرىسىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: "كېڭەش ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى 85-نومۇرلۇق 2/9 قارارىدىكى شەرتنىڭ جازاسى توغرىسىدىكى ھۆكمىنى تەكىتلەيدۇ. قارارنىڭ تېكىستى: "تاپشۇرۇپ بېرىدىغان نەرسىنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن كېچىككەنلىكدىن ئىبارەت شەرتكە جازا قويۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قەرزدىن ئىبارەت بولۇپ، كېچىككەندە قەرزنى زىيادە قىلىشنى شەرت قىلىش توغرا بولمايدۇ". .... مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇش سودىسى توغىرسىدىكى 51-نومۇرلۇق 2/6 قارارىدا مۇنداق كەلگەن: خىرىدار مۇددەتكە بۆلۇپ تۆلەيدىغان قەرزنى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئادا قىلىشنى كېچىكتۈرسە، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى شەرت بىلەن ياكى شەرتسىز قەرزنى زىيادە قىلىشنى تەلەپ قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش دېگەن ھارام قىلىنغان جازانىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ["مەجمۇئەن قارارى" 371-بەت].
ئىمكانىيتى تۇرۇپ باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزنى كەينىگە سۆزۈش ھارام بولىدۇ ۋە بۇنداق قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «باينىڭ قەرزنى سۆزىۋېتىشى زۇلۇمدۇر» [بۇخارى رىۋايىتى2400-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1564-ھەدىس].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «باينىڭ قەرزنى ئادا قىلماي كەينىگە سۆزىۋېتىشى ئۇنىڭ ئابرۇينى تۆكۈش ۋە جازاغا ئۇچرىشىنى ھالال قىلىدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3628-ھەدىس. نىسائىي رىۋايىتى4689-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى2427-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"دە 1434-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئۇنىڭ ئابرۇينى تۆكۈش توغرا بولىدۇ دېگەنلىك: قەرىز ئىگىسى: پالانى ھەققىمنى بەرمەي، ۋاقىتنى سوزىۋەتتى، ماڭا زۇلۇم قىلدى دەيدۇ. سۇپتان ئىبنى ئۇيەينە ۋە سۇپيان ئەسسەۋرى قاتارلىقلار ئېيتقاندەك، تۈرمىگە قاماشتىن ئىبارەت جازاغا ئۇچرىشىدۇر، دېگەن.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: "سىز ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدىكى خورمىنى ئالتۇنغا ساتسىڭىز بولىدۇ. شەرت: سودا مالنى ساتقان كۈندىكى بازار باھاسى بويىنچە بولىشى كېرەك. دېيىشكەن ئالتۇننىڭ ھەممىسىنى نېسى قىلسىمۇ ياكى بەزىسىنى نېسى قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى پۇلغا ياكى ئالتۇن-كۈمۈشكە خورما سېتىۋالغاندا نەخ تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرت قىلىنمايدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلىدۇ.