مۈندەرىجە
- شاپائەتنى تونۇشتۇرۇش.
شاپائەت دېگەن مەنپەئەتنى جەلىپ قىلىش ۋە زىياننى دەپئى قىلىشتا باشقىلار ئۈچۈن ۋاستىچىلىك قىلىشتۇر،
-شاپائەتنىڭ قىسىملىرى.
شاپائەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى قىسمى: قىيامەت كۈنى ئاخىرەتتە بولىدىغان شاپائەت.
ئىككىنچى قىسمى بولسا: دۇنيا ئىشلىرىدا بولىدىغان شاپائەت،
-ئاخىرەتتىكى شاپائەتنىڭ تۈرلىرى.
ئەمما ئاخىرەتتىكى شاپائەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
خاس شاپائەت.
بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خاس بولۇپ بۇنىڭغا باشقا ھېچ بىر كىشى شېرىك بولمايدۇ، ئۇ بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچىسى: كاتتا شاپائەت. بۇ ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە قىلغان ماختالغۇچى ئورۇن بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمِنْ اللَّيْلِ فَتَهَجَّدْ بِهِ نَافِلَةً لَكَ عَسَى أَنْ يَبْعَثَكَ رَبُّكَ مَقَامًا مَحْمُودًا تەرجىمىسى: «ساڭا نەپلە ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد! پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر». [سۈرە ئىسرا 79 -ئايەت.]
بۇ شاپائەت ھەقىقەتتە خالايىقلارنىڭ ھەممىسىگە قىلىنىدىغان شاپائەتتۇر، ئاللاھ تائالا ھېسابنى كېچىكتۈرگەندە، قىيامەت كۈنى مەھشەر مەيدانىدا كۈتۈش بەك ئۈزۈن بولۇپ كېتىدۇ، ئىنسانلارغا تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان دەرىجىدە قىيىنچىلىق ۋە غەم-قايغۇ يېتىدۇ، ئۇلار: رەببىمىزنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۈچۈن شاپائەت تىلەپ كىم بارىدۇ؟ دېيىشىدۇ، بۇ ئورۇندىن يۆتكىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ھەر بىر پەيغەمبەر مەن شاپائەت قىلىشقا لايىق ئەمەس دەپ ئۈزۈر ئېيتىدۇ، ھەتتا ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇنىڭغا مەن لايىق، بۇنىڭغا مەن لايىق دەيدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى ھۆكۈمنى ئايرىشتا ئۇلارغا شاپائەت تىلەيدۇ، بۇ كاتتا شاپائەت دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىندۇر.
بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس كىتابلىرىدا بۇ شاپائەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «ئىنسانلار قىيامەت كۈنىدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ، ھەر بىر ئۈممەت ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىدۇ، ئۇلار: ئى پالانى بىزگە شاپائەت قىلغىن دەيدۇ، ھەتتا شاپائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا توختايدۇ، ئاشۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 1748-ھەدىس].
ئىككىنچىسى: جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتكە كىرىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان شاپائەت.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن قىيامەت كۈنى جەننەت ئېشىكى ئالدىغا كېلىمەن، ئېشىكنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىمەن، ئىشىك باقار پەرىشتە: سەن كىم؟دەيدۇ، مەن: مۇھەممەد دەيمەن، پەرىشتە: مەن بۇ ئېشىكنى ساڭا ئېچىپ بېرىشكە بۇيرۇلدۇم، سەندىن ئىلگىرى ھېچ كىشىگە ئېچىپ بەرمىدىم دەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى333-ھەدىس].
مۇسلىمدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «مەن جەننەتتە تۇنجى شاپائەت قىلغۇچى» دېگەن.[ 332-ھەدىس].
ئۈچىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىپقا شاپائەت قىلىشى.
ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تاغىسى ئەبۇ تالىپنىڭ گېپى بولغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا مېنىڭ شاپائىتىم مەنپەئەت بېرىشى مۇمكىن، ئۇ دوزاختا ئىككى ھوشۇقىغىچە ئوتتا بولىدۇ، بۇنىڭدىن مېڭىسى قايناپ كېتىدۇ». [ بۇخارى رىۋايىتى 1408 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 360-ھەدىس].
تۆتىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن جەننەتكە ھېسابسىز كېرىدىغان كىشىلەرگە قىلىدىغان شاپائىتى.
بۇ تۈرنى بەزى ئالىملار زىكىر قىلىپ، بۇنىڭغا شاپائەت توغرىسىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىسنى دەلىل قىلدى، ئۇ ھەدىستە: «ئاندىن ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سورىغىن بېرىلىسەن، شاپائەت تەلەپ قىلغىن شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ: ئى رەببىم! ئۈممىتىم، ئى رەببىم ! ئۈممىتىم، ئى رەببىم ! ئۈممىتىم دەيمەن، ماڭا: ئى مۇھەممەد! ئۈممىتىڭدىن ھېساب ئېلىنماي جەننەتكە كىرىدىغانلارنى جەننەت ئىشىكلىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن كىرگۈزگىن دېيىلىدۇ، ئۇلار جەننەتنىڭ باشقا ئېشىكلىرىدە كىشىلەر بىلەن ئورتاق بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى4343-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى287-ھەدىس].
-ئومۇمى شاپائەت.
بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بولىدىغان شاپائەت بولۇپ، بۇنىڭدا پەرىشتىلەردىن، پەيغەمبەرلەردىن سالىھلاردىن ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شېرىك بولىدۇ. ئۇ بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: دوزاخقا كېرىپ كەتكەن كىشىلەرنى دوزاختىن چىقىرىدىغان شاپائەت، بۇنىڭ دەلىللىرى بەك كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن:
ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! قىيامەت كۈنىدە دوزاخقا كېرىپ كەتكەن قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن قېرىنداشلىق ھەققىنى شەپى كەلتۈرۈپ ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشىنى سىلەردىنمۇ بەكرەك سورايدىغان بىرسى يوق. ئۇلار: رەببىمىز! ئۇلار بىز بىلەن بىرگە روزا تۇتقان، ناماز ئوقۇغان، ھەج قىلغان دەيدۇ، ئۇلارغا: سىلەرنى تونىغان كىشىلەرنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دېيىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايلىرى ئوتقا ھارام قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى دوزاختىن چىقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: پەرىشتىلەر شاپائەت قىلدى، پەيغەمبەرلەر شاپائەت قىلدى، مۆمىنلەر شاپائەت قىلدى، ئەمدى ناھايىتى مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ شاپائىتى قالدى دەپ دوزاختىن بىر چاڭگال كىشىلەرنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەل قىلىپ باقمىغان كىشىلەرنى چىقىرىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى.269-ھەدىس].
ئىككىنچى: دوزاخقا كىرىشى ھەقلىق بولۇپ تېخى دوزاخقا كىرمىگەن كىشىلەرگە شاپائەت قىلىش. بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى دەلىلدۇر: «بىر مۇسۇلمان ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرمىگەن قىرىق ئادەم ھازىر بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئۇ كىشى توغرىسىدىكى شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى1577-ھەدىس].
بۇ شاپائەت ئۇ كىشى دوزاخقا كېرىشتىن ئىلگىرى بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ كىشى توغرىسىدىكى شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئۈچىنچى: ئىمان ئەھلىدىن بولۇپ، جەننەتكە كىرىشى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋېلىرىنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۈچۈن شاپائەت قىلىش. بۇنىڭ مىسالى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! ئەبۇ سەلەمەنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ جەننەتتىكى مەرتىۋىسىنى توغرا يول تاپقۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلغىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئۆتكۈنچى دۇنيادا ياخشى بىرىنى ئورۇن باسار قىلىپ بەرگىن. ئى ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ! بىزنى ۋە ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن، قەبرىسىنى كەڭرىي ۋە نۇرلۇق قىلغىن» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى1528-ھەدىس].
-ئاخىرەتتىكى شاپائەتنىڭ شەرتلىرى.
ئاخىرەتتە بولىدىغان شاپائەتنىڭ پەقەت مەلۇم شەرتلەر بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان، ئۇ دەلىللەردىن:
1-ئاللاھ تائالانىڭ شاپائەت قىلىنغۇچىدىن رازى بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَىٰ تەرجىمىسى: «ئۇلار پەقەت ئاللاھ تائالا رازى بولغان كىشى ئۈچۈنلا شاپائەت قىلىدۇ». [سۈرە ئەنبىيا 28 -ئايەت].
بۇ شاپائەت قىلىنغۇچىنىڭ تەۋھىد ئەھلىدىن بولۇشىنى لازىم تۇتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇشرىكلاردىن رازى بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىيامەت كۈنىدە سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن بەختلىك بولىدىغان كىشى كىم؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئى ئەبۇ ھۈرەيرە! سەندىن ئىلگىرى ھېچ كىشى بۇ ئىش توغرىسىدا مەندىن بىر نەرسە سورىمىغان ئېدى، مەن سېنىڭ ھەدىسكە ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆردۈم، قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بەختلىك بولىدىغىنى: چىن دىلىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن كىشىدۇر»دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى97-ھەدىس].
2-شاپائەتچى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِندَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن» [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت].
3-ئاللاھ تائالا شاپائەت قىلغۇچىدىن رازى بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِلَّا مِن بَعْدِ أَن يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَن يَشَاءُ وَيَرْضَىٰ تەرجىمىسى: «پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ» [سۈرە نەجمى 26-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغاندەك: لەنەت قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنىدە شاپائەت قىلىشقا لايىق بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «لەنەت قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنىدە شاھىدلار ۋە شاپائەتچىلەردىن بولالمايدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى4703-ھەدىس].
-دۇنياغا ئالاقىدار بولغان شاپائەتلەر. ئۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: بۇ بەندىنىڭ ئىقتىدارىدا بولغان، قىلىشقا قادىر بولالايدىغان ئىشلاردا بولىدۇ، بۇنىڭ دۇرۇس بولىشى ئىككى تۈرلۈك شەرت بىلەن بولىدۇ:
1-دۇرۇس بولغان ئىشلاردا بولىدۇ، شاپائەت كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى زايە بولىدىغان ياكى ئۇلارغا زۇلۇم بولىدىغان ئىشلاردا توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ھارام بولغان ئىشنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن شاپائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، بىر كىشىنىڭ ئىسلامدا ھەد-جازا-ئىجرا قىلىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىشى توغرا بولمىغاندەك، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار» [سۈرە مائىدە 2-ئايەتىڭ بىرقىسمى].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: مەخزۇمىيە قەبىلىسىدىكى
ئوغۇرلۇق قىلغان ئايالنىڭ ئىشى قۇرەيشلەرنى بىئارام قىلدى، ئۇلار: بۇ ئايالغا شاپائەت تىلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىم سۆز قىلالايدۇ؟ دېيىشتى، ئۇلار: بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەك ياخشى كۆرىدىغان ئۇسامە ئىبنى زەيدتىن باشقا ھېچ كىشى سۆز قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايدۇ، دېيىشتى. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇ ئايالنىڭ ئىشى توغرىسىدا سۆز قىلغان ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھنىڭ ھەد-جازاسىدىن بىر جازادا شاپائەت تەلەپ قىلماقچىمۇ؟» دېدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئارىسىدا يۇقىرى تەبىقىدىكى ئېسىلزادىلەر ئوغۇرلۇق قىلسا ئۇلارغا جازا ئىجرا قىلماي، تۆۋەن تەبىقىدىكى ئاجىزلار ئوغۇرلۇق قىلسا جازا ئىجرا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ھالاك بولغان، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئوغۇرلۇق قىلغان تەقدىردىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ قولىنى كېسىمەن» [بۇخارى رىۋايىتى3261-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى3196-ھەدىس].
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىرەر كىشى ھاجىتىنى تەلەپ قىلىپ كەلسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورۇندا ئولتۇرغانلارغا يۈزلىنىپ: «قىرىندىشىڭلار ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىڭلار، شۇنىڭ بىلەن ئەجىرگە ئېرىشىسىلەر، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەن ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 5568-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى4761-ھەدىس].
2-تەلەپ قىلىدىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشتىن مۇداپىئەلىنىشتە چىن دىلى بىلەن يالغۇز بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىرىگە تايانماسلىقى كېرەك، شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ شاپائەت قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا رۇخسەت بېرىشى بىلەن شاپائەت قىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، پايدا ۋە زىيان يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، بۇ مەنا ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدە بەك ئېنىقتۇر.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى شەرت تولۇق بولمىسا ياكى بىرى بولۇپ يەنە بىرى بولمىسا، بۇ توغرىدىكى شاپائەت پۈتۈنلەي چەكلىنىدۇ.
ئىككىنچى: بەندىنىڭ ئىقتىدارىدا، تاقىتىدە ۋە ئىمكانىيىتىدە بولمىغان ئىشلاردا ئۇنىڭ شاپائەت تەلەپ قىلىش، خۇددى ئۆلۈكلەردىن ۋە قەبرە ساھىپلىرىدىن ياكى ھايات بولسىمۇ ئۆزى يوق، ئۇنىڭ ئاڭلاش ۋە ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى بار دەپ قارىغان كىشىلەردىن شاپائەت تەلەپ قىلىش بولسا قۇرئان كەرىمدە ئايەتلەر بايان قىلىنغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلەردە بايان قىلىپ كەسكىن چەكلىگەن. ئاللاھقا شېرىك بولغان شاپائەتتۇر، (يەنى بۇ باتىلدۇر) چۈنكى ئۇنىڭدا شاپائەت قىلغۇچىنى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەش بولغانلىقىدىندۇر. چۈنكى "دائىمى ھايات" دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.
ئۇلارنىڭ شۈبھىسى بولسا، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ئەۋلىيالار ۋە ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى، ئۆزلىرىگە دۇئا قىلغانلار، ئۆزلىرىگە ئەگەشكەنلەر ۋە ئۆزلىرىنى ياخشى كۆرگەنلەر ئۈچۈن شاپائەت قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن شاپائەت تەلەپ قىلىنىدۇ، مانا بۇ ئاللاھ تائالا بايان قىلغان ئىلگىرىكى مۇشرىكلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۆز ئەينىسىدۇر: وَيَقُولُونَ هَٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِندَ اللَّهِ تەرجىمىسى: «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ. [سۈرە يۈنۈس 18-ئايەت].
ئۇلار بۇ سۆزلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ پەرىشتىلەردىن، ياخشى كىشىلەردىن ۋە باشقىلاردىن بولغان مەبۇدلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۆزلىرى ئۈچۈن شاپائەت قىلىشىنى مەقسەت قىلىدۇ، شۇنىڭدەك، ھازىرقى دەۋرىدىكى مۇشرىكلارمۇ: ئەۋلىيالار بىز ئۈچۈن شاپائەت قىلىدۇ، بىز بىۋاستە ئاللاھ تائالادىن شاپائەت تەلەپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايمىز، بەلكى ئۇلاردىن تەلەپ قىلىمىز، ئۇلار بىز ئۈچۈن ئاللاھدىن تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئېتىقات قىلىدۇ.
ئۇلار يەنە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، باشقا پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارغا ئاللاھ تائالا شاپائەت قىلىش ھوقۇقىنى بەردى، بىز ئۇلارغا ئىلتىجا قىلىپ: ئاللاھ تائالا سىلەرگە شاپائەت قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن ئىكەن بىزگىمۇ شاپائەت قىلىڭلار دەيمىز دەيدۇ. ئۇلار يەنە دۇنيانىڭ پادىشاھلىرىدىن مىسال قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: دۇنيادا پادىشاھلارغا ھاجىتىمىز بولسا بىۋاستە دېيەلمەيمىز پەقەت ئۇنىڭ يېقىنلىرى، ۋەزىرلىرى، ئىشىك باقارلىرى، خىزمەتچىلىرى ۋە پەرزەنتلىرى دېگەن كىشىلەرنى ۋاسىتە قىلىپ ھاجەتلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بىزنىڭ ھاجىتىمىزنى ئادا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بىز ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىمىزنى تەلەپ قىلىشتىمۇ ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولغان ئەۋلىيالار ۋە ئابرۇيلۇق كىشىلەرنى ۋاسىتە قىلىپ ئۇلار ئارقىلىق شاپائەت تەلەپ قىلىمىز، بۇ قاراشلىرى بىلەن ئۇلار ئىلگىرىكىلەر چۈشكەن شېرىك ئېتىقادقا چۈشىدۇ، ئۇلار ياراتقۇچى خالىقنى يارىتىلغۇچى مەخلۇققا سېلىشتۇرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ياسىن سۈرىسىدە بىر مۆمىن كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: أَأَتَّخِذُ مِن دُونِهِ آلِهَةً إِن يُرِدْنِ الرَّحْمَٰنُ بِضُرٍّ لَّا تُغْنِ عَنِّي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا وَلَا يُنقِذُونِ تەرجىمىسى: «مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ» [سۈرە ياسىن 23-ئايەت].
ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّينَ ، وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ الْمِسْكِينَ ، وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ الْخَائِضِينَ ، وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ الدِّينِ ، حَتَّىٰ أَتَانَا الْيَقِينُ ، فَمَا تَنفَعُهُمْ شَفَاعَةُ الشَّافِعِينَ تەرجىمىسى: «ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق، بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق، تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق)، شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتى ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ (يەنى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ، ئۇلارغا پۈتۈن ئەھلى زېمىن شاپائەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ)» [سۈرە مۇددەسسىر 43-ئايەتتىن 48-ئايەتكىچە].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىيامەت كۈنىدە شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بېرىلسىمۇ لېكىن شاپائەت قىلىشقا ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلغاندىن ۋە شاپائەت قىلىنىدىغان كىشىلەر ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەر بولغاندىن كېيىن شاپائەت قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا ئۈممىتىنىڭ ئۆزىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشىغا يول قويمىدى، ساھابىلەرنىڭ ھېچ بىرىدىنمۇ بۇ توغرىدا ئەسەر نەقىل قىلىنمىدى، ئەگەر ياخشىلىق بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى ئۈممەتكە يەتكۈزەتتى، ئۈممەتنى ئۇنىڭغا دەۋەت قىلاتتى، ياخشىلىققا ھېرىس بولغان ساھابىلارنى بۇنى ئۆزلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالدىرايتتى، بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن دۇنيادا شاپائەت تەلەپ قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ مۇنكەر ئىشلاردىن ئىكەنلىكى بىلىندى، بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئىلتىجا قىلىش ۋە شاپائەتنى چەكلەيدىغان سەۋەپلەرنى كەلتۈرۈش بار، شاپائەت دېگەن ئاللاھقا تەۋھىدنى خالىس قىلغان كىشى ئۈچۈن بولىدۇ.
قىيامەت كۈنىدە مەھشەر ئەھلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىرگە بولغانلىقى، رەببىنىڭ تەرىپىگە بېرىپ سوراشقا يۈزلىنىشكە قادىر بولالايدىغانقى ئۈچۈن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھۆكۈمنىڭ تىزرەك ئايرىلىشىدا ئۆزلىرى شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ھايات بولغان ۋە ھازىر بولغان كىشىدىن ئۇ كىشىنىڭ ئىقتىدارىدا بار بولغان نەرسە توغرىسىدا ئىلتىجا قىلىشنى تەلەپ قىلىشتۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەھشەر ئەھلىدىن ھېچ بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى توغرىسىدا شاپائەت تەلەپ قىلىپ كەلمىدى.
ئۇلار قىيامەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىگە ئاساسەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھازىر دۇنيادا شاپائەت تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز ئۈچۈن ھۆكۈمنىڭ تىزراق ئىجرا بولىشى ئۈچۈن شاپائەت قىلغىن دېگەن سۆزدىلا ئىلتىجا قىلىشى بولىدۇ دېسەك، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇ سۆزىنىڭ غەيرىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشتىلا چەكلەنمەستىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنىڭ غەيرىدىكى: قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىش، رەھمەت نازىل قىلىش، يەتكەن ئېغىرچىلاردا ئۇنىڭغا يىلىنىش، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا، قاتتىقچىلىق ۋە كەڭىرچىلىكتە ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى سوراپ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدىن يۈز ئۆرۇيدۇ: أَمَّن يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاءَ الْأَرْضِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَّعَ اللَّهِ ۚ قَلِيلًا مَّا تَذَكَّرُونَ تەرجىمىسى: «بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر» [سۈرە نەمل 62-ئايەت].
بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان دەلىللەرگە كۆرە، ھەر بىر ئىنساپلىق كىشى ئۈچۈن بېكىتىلگەن شاپائەتنىڭ ئاللاھنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقىغا ئالاقىدار بولىدىغانلىقى ئېنىق بولىدۇ، چۈنكى شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىگىدارچىلىقىدىدۇر. دۇنيا ئىشلىرىدا، ئۆزى ھايات ئىلتىجا قىلغان ئىشنى ئادا قىلىشقا قادىر بولالايدىغان ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن كىشىلەرمۇ بۇنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ، بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش، بۇ تۈردىكى شاپائەتنىڭ دۇرۇس بولىشى ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، بۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ قەلبى ھېچ بىر مەخلۇققا ئالاقىدار بولمايدۇ، ئۇنىڭدىكى ئاخىرقى ئىش بولسا، شەرىئەت ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغان باشقا سەۋەپلەرگە ئوخشاش بىر سەۋەپتۇر.
ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى قادىر بولالمايدىغان ئىشنى ئاللاھنىڭ غەيرىدە ئىلتىجا قىلىپ شاپائەت تەلەپ قىلىش چەكلىنىدىغان شاپائەتتۇر، چۈنكى ئاللاھنىڭ غەيرى دېگەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بەرمىگۈچە ۋە رازى بولمىغۇچە ھېچ بىر شاپائەتكە ئىگە بولالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قادىر بولالمايدۇ، كىمكى شاپائەتنى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن تەلەپ قىلىدىكەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئۇ ئىنسان ئۆزىنى قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالادىن تىنچ-ئامانلىق، خاتىرجەملىك سورايمىز، قىيامەت كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە شاپائەت قىلىشىنى سورايمىز...ئامىن.
مەنبە: شەيخ ناسىر جەدىينىڭ: "ئەھلى سۈننە ۋەلجامەنىڭ نەزىرىدىكى شاپائەت" ناملىق ئەسىرى. شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ:" پايدىلىق سۆز"1-توم 423-بەت، ۋە "ئىئلام سۈننەتۇل مەنسۇرە" 144-بەت.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.