3,648

رامىزاننىڭ قازا روزىسى بار كىشىنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشى توغرىسىدا

سوئال: 21787

مېنىڭ رامزاندا تۇتالمىغان روزام بار، ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىمەن، قازا روزامنى تۇتۇشتىن بۇرۇن ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتسام بولامدۇ؟ ياكى مەن ئاشۇرا كۈنى ۋە ئون بىرىنچى كۈنى رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى مەقسەت قىلىپ روزا تۇتسام بولامدۇ؟ مەن ئۈچۈن قازا روزا بىلەن بىرگە ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنشە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: رامىزاننىڭ قازا روزىسى بولغان كىشى نەپلە روزا تۇتماستىن بەلكى قازا روزىنى تۇتۇپ بولۇپ ئاندىن نەپلە روزا تۇتىشى كېرەك.

    ئىككىنچى: مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى ۋە ئون بىرىنچى كۈنى رامىزاندا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى تۇتسا دۇرۇس بولىدۇ، بۇ ئىككى كۈندە تۇتقان روزا ئىككى كۈنلۈك قازا روزىنى تولۇقلايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. "دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى"11-توم 401-بەت.

    "بۇنىڭ بىلەن قازا روزىنىڭ ئادا تېپىشى ۋە ئاشۇرا كۈنىنىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ". [شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ: "ئىسلام مۇنارى پەتىۋالىرى"2-توم 358-بەت].

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android