نان ۋە يېمەكلىك دېگەن ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىش، ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ھاقارەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇش تەلەپ قېلىنىدىغان نېمەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇنى ئەخلەت ساندۇقى ۋە تاشلاندۇق نەرسىلەرنىڭ قاتارىغا تاشلىۋېتىش ئۇنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئۇنىڭغا سەرپ قىلغان مالنى زايە قىلىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر. توغرىسى بۇنى پايدىلىنىدىغان پەقىر-مىسكىنلەرگە ياكى چارۋىلارغا ھەلەپ قىلىپ بېرىش ياكى ئايرىم خالتىغا سېلىپ، ئۇنىڭدا يېمەك بار ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ قويسا، تازىلىق ئىشچىلىرى بۇنى ئۆي ھايۋانلىرى يېتىشتۈرىدىغان كىشىلەرگە بەرسە ياخشى بولىدۇ. بەزى شەھەرلەردە بۇنىڭدىن ھايۋانلارغا يېمەكلىك ياسايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر جانلىقتا ئەجىر بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى2363-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2244-ھەدىس].
پەزىلەتلىك شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نان، تۇخۇم ۋە يېمەكلىكلەرنى ئەخلەتنىڭ قاتارىغا تاشلىۋېتىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىش ياكى ئۇلاغلىرى بار كىشىلەرنىڭ ئېلىپ كېتىشى ياكى ئۇچار-قۇشلارنىڭ يېيىشى ئۈچۈن كىشىلەر كۆرىدىغان ئاشكارا ئورۇندا قويۇپ قويۇش كېرەك، ئۇنى ئەخلەت، پاسكىنا نەرسىلەر تاشلىنىدىغان ئورۇنلار ۋە يولغا تاشلىماسلىق كېرەك، يولغا قويۇش نېمەتنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئەزىيەت بېرىشتىن ئىبارەتتۇر، بۇنىڭ ھەممىسى نېمەتنى خارلىغانلىقتىن ئىبارەتتۇر. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 23-توم 39-بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.