1,042

ئەمەل ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ شەرتى دېگەن كىشىنىڭ سۆزى توغرىسىدا

سوئال: 131415

    بەزى كىشىلەر: ئىمان دېگەن: تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش لېكىن ئەمەل قىلىش دېگەن ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ شەرتى دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: كۇپىر ئىتىقاد بىلەن بولىدۇ دەيدۇ، بۇ ئەھلى سوننە ۋەل جامائەتنىڭ سۆزىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە  بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنداق سۆزنى ئىماننى ۋە ئەقىدىنى چۈشەنمىگەن كىشىلەر دەيدۇ، ئۇلار ئالىملاردىن ۋە توغرا مەنبەلەردىن ئەقىدە توغرىسىدا بىلىم ئېلىشى كېرەك، شۇ ۋاقىتتا بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلەلەيدۇ.

    ئۇ كىشىنىڭ: ئىمان دېگەن: تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش لېكىن ئەمەل قىلىش دېگەن ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشى ۋە توغرا بولىشىنىڭ شەرتى دېگەن سۆزى بىر-بىرىگە زىتتۇر، قانداقمۇ ئەمەل ئىماندىن بولۇپ ئاندىن ئەمەل ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ شەرتى بولىدۇ؟، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، شەرت دېگەن شەرت قىلىنغان نەرسىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ، بۇ بىر-بىرىگە زىتتۇر.

    بۇ سۆزنى قىلغۇچى سەلەپ ئالىملىرى بىلەن كېيىنكى دەۋىردىكى ئالىملارنىڭ سۆزىنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشنى مەقسەت قىپتۇ، زىتلىقنى چۈشەنمەپتۇ، چۈنكى ئۇ كىشى سەلەپلەرنىڭ سۆزىنىمۇ بىلمەيدۇ ۋە كېيىنكى دەۋرىدىكى ئالىملارنىڭ سۆزىنىڭ ھەقىقىتىنىمۇ بىلمەيدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئىككى سۆزنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، ئىمان دېگەن: تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىشتۇر، ئەمەل دېگەن ئىماندىن، ئۇ ئىماندۇر، ئەمەل ھەرگىزمۇ ئىماننىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن ياكى ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس، ياكى ھازىر راۋاجلىنىۋاتقان بۇنىڭدىن باشقا نەرسىمۇ ئەمەس، ئىمان دېگەن: تىل بىلەن ئىقرار قىلىش، دىل بىلەن تەستىقلاش ۋە ئەزالىرى بىلەن ئەمەل قىلىش، تائەت-ئىبادەت بىلەن زىيادە بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت بىلەن كەمىيدۇ".

["ئىجابەتۇل مۇھىممە پى مەشاكىلىل مۇلىممە" 74-بەت].

مەرجەلەر

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى پەۋزان ئەل پەۋزان

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android