بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئىسلام پىرىنسىپىنىڭ بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن ئىشلىرىدا ھېچ قانداق قىيىنچىلىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشىنى، بىلگەن بىلىمى ھېكمەت ئىزدەيمەن دەپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قىلىشتىن ئىللەت-سەۋەپلەرگە قاراپ قىلىشتىن چەكلەيدۇ. مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى چۈشەنمىگەن جاھىل كىشىلەرلا ئىسلام پىرىنسىپىنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىدە قىيىنچىلىق بار دەپ قارايدۇ.
ئەگەر بىر ئىنسان بىر دوختۇرغا مۇتلەق ئىشەنچ قىلسا، ئاندىن ئۇ دوختۇر كېسەللىكتىن ساقلىنىش ۋە ساغلاملىق سېستىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇ كىشى دوختۇرنىڭ تەۋسىيەلىرىگە بويسۇنىدۇ، بۇيرىغىنىنى ئورۇندايدۇ، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئىشەنچ قىلىپ ھاياتىنى تاپشۇرىدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ: شەرىئەت نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بۇ سۆزنى قىلدى، بۇنىڭغا بۇيرىدى ۋە ئۇ جايدا بۇنىڭدىن چەكلىدى دەپ تۇرۇپ ئويلىنىپ باقمايدىغانلىقىنى كۆرىسىز.
ئاللاھ ئۈچۈن ئالى مىساللار بولسۇن، بىزنىڭ رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ھىلىقى ئىنساننىڭ دوختۇرغا بولغان ئىشەنچىسىگە ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، (ئۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن). ئاللاھ بىلەن ئىنساننىڭ ئارىسىنى ۋە ياراتقۇچى خالىق بىلەن يارىتىلغۇچى مەخلۇقنىڭ ئارىسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟!.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ "شەرىئەتنىڭ تاھارەتنى يولغا قويۇشىدىكى ھېكمەت ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ ئاخىرىدا دېگەن سۆزى بۇنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئەبقەرات ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقلىرى مۇشۇنداق بىر سۆزنى تەۋسىيە قىلسا: ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە بويسۇناتتى، ئۇنى ھۆرمەتلەپ كۆككە كۆتۈرەتتى، كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدا ۋە ھېكمەتلەرنى نامايەندە قىلاتتى". ["كېسەلنىڭ شىپاسى" 230-بەت].
ئىككىنچى: تاھارەتنىڭ يولغا قويۇلىشى توغرىسىدىكى ھېكمەتلەرگە كەلسەك، ئۇ ئىنتايىن كۆپ، بىز تاھارەتتىن: تاھارەت ئېلىش ۋە غۇسلە قىلىش ئارقىلىق پاسكىنا، نىجاسەتلەردىن پاك بولۇشنى مەقسەت قىلىمىز، بۇ ھېكمەتلەردىن:
1-تاھارەت دېگەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ياراتقان توغرا پىترەت-تەبىئەتكە مۇۋاپىقتۇر، ئىسلام دىنىنىڭ پىترەت-تەبىئەت دىنى ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق، پىترەتتىكى تەبىئى سۈننەتلەردە ئۇنىڭدىن قىلىدىغانلىرىنى تەكىتلەش ۋە تەرك قىلىنىدىغانلىرىدىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى، يۇزىنى يۇيۇش، بۇرنىنى تازىلاش، ئېغىزىنى تازلاش، ئىككى قولىنى يۇيۇش، يۇيۇنۇش ۋە ئىستىنجا قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى يولغا قويىدىغان بىر شەرىئەتكە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ، بەلكى ساغلام تەبىئەتلىك ئىنسانغا ئاشۇ ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى تازىلاش، ئۇنى پاسكىنا، نىجىس نەرسىلەردىن يىراق قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ.
2-ئىسلام پاكىزلىق ۋە گۈزەللىك دىنىدۇر. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا بەدەنلىرى پاكىز، چاچلىرى تارالغان، كىيىملىرى رەتلىك ۋە پاكىزە بولىشى، بەدىنىدىن خۇشپۇراقلارنىڭ تارىلىپ تۇرىشىغا ئوخشاش گۈزەللىكلەرگە تەۋسىيە قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىشلارنى لازىم تۇتقان كىشىلەر بارلىق ئىنسانلارنىڭ قىزىقىش ۋە ئەجەپلىنىش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، بۇ ئىش ئۇلارنى مۇشۇ كاتتا دىن ئۈچۈن ئىلىپ بېرىۋاتقان دەۋەت ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىشقا ئىلىپ بارىدۇ، شۇنىڭدەك، ئىنسانلارنىڭ قەلبىمۇ بەدىنى ۋە كىيىمى پاكىز بولغان ئېسىل كىشىلەرگە مايىل بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئىنسان تەبىئىتى بەدىنى ۋە كېيىمى پاسكىنا، مەينەت كىشىلەردىن يىراق بولىدۇ، پاكىز بولماسلىق ئىسلامدا ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.
3-داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يېڭى ئىلمى تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پاكىزلىق ۋە تاھارەت دېگەن ئۆز ساھىبىنى تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ، پاسكىنىلىق بولسا نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ كېلىپ چېقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، بۇنداق بولغان ئېكەن ئىسلامدىن ئىبارەت مۇقەددەس دىن ئۆزىنىڭ پىرىنسىپلىرىدا كېسەللىكتىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولىدىغان ۋە كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەيدىغان تاھارەتتىن ئىبارەت پاكىزلىقنى نېمە دەپ يولغا قويمايدىكەن؟!.
4-مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ رەببىگە مۇناجات قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىدۇ، ئۆزىنىڭ پادىشاھى، رەئىسى، مۇدىرى ياكى چوڭلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان كىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ، كىيىمىنىڭ پاكىزلىقى، خۇشپۇراقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان بۇ شەكىلدە ئۇچرىشىشلىرىنى ئىسلام چەكلىمەيدۇ، بەلكى بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەلچىلەر، ۋەكىللەر كەلگەندە شۇنداق قىلاتتى، بۇ پاكىزلىقنى ھەممىدىن كاتتا بولغان زات بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ زىيادە قىلىشىمىز كېرەك، بىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ۋاقىتتا بەدىنىمىزنىڭ ۋە كىيىمىمىزنىڭ پاكىزلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ھېرىس بولىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ۋاقىتتا پاكىزلىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ھېرىسمەن بولىشىمىز ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، ئىنسانلار ئۆزلىرىگە ئوخشاش ياكى ئۆزلىرىدىن كاتتا بولغان مەخلۇقلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغاندا پاكىزلىققا بۇ قەدەر ئەھمىيەت بېرىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ؟!.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك، ئىنسانللارنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە پاكىز ھالەتتە ھوزۇرىدا بولۇشقا ئاللاھ تائالا بەك ھەقلىقتۇر. ["سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە" 766-ھەدىس].
5-شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئويلانغان، ئاللاھ تائالا ساغلام چۈشەنچە ئاتا قىلغان كىشى ئىسلامدىكى تاھارەتنىڭ يوللىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىشقا قادىر بولالايدۇ، بۇ يەردە جۇنابەتتىن غۇسلە قىلىشنىڭ ھۆكمى بار، كېچىك تەھارەتسىزلىكتىن غۇسلە قىلىنمايدۇ، بۇ يەردە تاراھەت بىلەن غۇسلىنىڭ ئارىسىدا پەرق بار.
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەتنى يولغا قويغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۈيدۇكتىن ئەمەس بەلكى مەنى چىقسا بۇنىڭدىن يۇيۇنۇشقا بۇيرىغان، بۇ شەرىئەتنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرىپىدۇر، بۇ رەھمەت، ھېكمەت ۋە مەنپەئەتنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى مەنى دېگەن بەدەننىڭ ھەممە يېرىدىن چېقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇنى "سۇلالە"-نەسىل-دەپ ئاتىغان، چۈنكى ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ ھەممە يېرىدىن ئېقىپ كېلىدۇ، ئەمما سۈيدۈك بولسا، ئۇ يىمەك-ئېچمەكنىڭ قالدۇقىدۇر، ئۇنىڭ ئاشقازاندا ۋە تاش بۆرەكتە بولىشى مۇمكىن ئەمەس، بەدەننىڭ سۈيدۈك چېقىشتىن بولغان تەسىرىدىن مەنى چىقىشتىن بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ.
يەنە: مەنى چېقىش بىلەن يۇيۇنۇش، بەدەنگە، قەلىپكە، رۇھقا بەك پايدىلىقتۇر، بەلكى بەدەندە تۇرغۇچى رۇھلارنىڭ ھەممىسى يۇيۇنۇش بىلەن كۈچلىنىدۇ، يۇيۇنۇش مەنى چېقىش بىلەن بوش قالغان ئورۇنلارنى تولدۇرىدۇ، بۇ ھېس-تۇيغۇلار بىلەن بېلىنىدىغان ئىشلاردۇر.
يەنە: جۇنابەت دېگەن بەدەنگە ھورۇنلۇق ۋە ئېغىرچىلىق پەيدا قىلىدۇ، يۇيۇنۇش جۇشقۇنلۇق ۋە يەڭگىللىك پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ جۇنابەتتىن يۇيۇنغاندا: " گوياكى ئۈستۈمدىن ئېغىر يۈك ئىلىپ تاشلانغاندەك بولدۇم" دېگەنگە ئوخشاشتۇر.
ئومۇمەن: توغرا تەبىئەتلىك ۋە ساغلام تۇيغۇ ساھىبى بولغان كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى تاپالايدۇ، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشنىڭ بەدەن ۋە قەلبكە زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى قاتىدىغان مەنپەئەتلەرنى ماڭدۇرىدىغان نەرسىنىڭ ئورنىدا ماڭىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، جۇنابەت يۈز بېرىش بىلەن قەلىپ ۋە رۇھنىڭ پاكىز رۇھلاردىن يىراق بولماقلىقى بىلەن يۇيۇنغان ۋاقىتتا ئاشۇ يىراقلىق يوق بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ساھابىلار مۇنداق دەيدۇ: بەندە ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ روھى ئۆرلايدۇ، ئەگەر پاك بولغا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا رۇخسەت بېرىلىدۇ، ئەگەر جۇنۇپ بولسا، ئۇنىڭ سەجدە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ"، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ ئادەمنى ئۇخلىغاندا تاھارەت ئىلىپ ئۇخلاشقا بۇيرىغان.
پەزىلەتلىك دوختۇرلار شۇنداق دەيدۇ: جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن يۇيۇنۇش بەندەنگە قۇۋۋەتنى قايتۇرىدۇ، جىما سەۋەبىدىن بوش قالغان ئورۇنلارنى تولدۇرىدۇ، يۇيۇنۇش بەدەنگە ۋە رۇھقا ئەڭ پايدىلىق بولۇپ، جۇنۇپ ھالەتتە قىلىش بەندەنگە زىيانلىقتۇر، يۇيۇنۇشنىڭ ياخشىلىقىغا ئەقىل ۋە پىترەتنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.
ئەگەر شەرىئەت سۈيدۈكتىن كېيىن يۇيۇنۇشنى يولغا قويغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە بۇ ئۈممەتكە كاتتا مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ تاھارەتنى يولغا قويۇشىدىكى ھېكمىتىنى، بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتى ۋە ئېھسانىنى چەكلەپ قوياتتى". ["ئىئلامىل مۇقىئىين" 2-توم 77-78-بەت].
يەنە تاھىر ئىبنى ئاشۇرانىڭ: "ئەتتەھرىر ۋەتتەنۋېر" 5-توم 65-بەتكە قارالسۇن.
6-ئىسلامدا زاھىر بىلەن باتىننىڭ يەنى بەدەننىڭ سىرتقى تەرىپى بىلەن روھى تەرىپىنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ئالاقە بولىدۇ، ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە كىيىمىنى پاسكىنا، نىجاسەتلەردىن پاكىز تۇتۇشقا ھېرىسمەن بولغان كىشى قەلبىنى ناچار ئەخلاقلاردىن پاكلايدۇ، بەدىنى ۋە كىيىمىنى گۈزەل قىلغانلىق ئۇ كىشىنىڭ رۇھى تەرىپىنىڭمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئىسلام سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ رۇھى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلۈشتىن كۆز يۇممايدۇ، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ گۈزەل بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر ئىنسان سىرتقى تەرىپىنى گۈزەللەشتۈرۈشتىن ئۈزۈرلۈك بولسا، روھى تەرىپىنى گۈزەللەشتۈرەلمەسلىكتىن ئۈزۈرلۈك ھېساپلانمايدۇ، ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىك ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ الله يُحِبُّ التوابين وَيُحِبُّ المتطهرين تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ» [سۈرە بەقەرە 222-ئايەت].
7-سۆزىمىزنى ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ كۆپ مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان مۇنۇ سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز: شەرىئەتنىڭ يوللىرى، ۋاستىلىرى ۋە غايىلىرىنى ئويلىنىپ بىقىڭ، ئۇنى، مەقسەت قىلىنغۇچى ھېكمەتلەر ۋە يولغا قويۇلغان ماختالغۇچى غايىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكى تاپىسىز. ئەگەر شەرىئەت بولمىغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئىنسانلار چارۋىلارغا ئوخشاش بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ناچار بىر ھالەتكە كېلىپ قالاتتى، تاھارەتتە ھېكمەتلەر بار، قەلىپكە، بەدەنگە مەنپەئەتلەر بار، قەلىپنى خۇرسەن قىلىدۇ، ئەزالارنى جۇشقۇنلاشتۇرىدۇ، تەبىئەت ۋاجىپ قىلغان ئېغىرچىلىقلارنى يەڭگىللەشتۈرىدۇ، نەپسىنىڭ ئىززىتىنى قارشىلىق قىلىشنىڭ كىرلىرىدىن يىراق قىلىدۇ، ئۇ قەلبنى، بەدەننى ۋە رۇھنى پاكىزلايدۇ، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشتا بەدەننىڭ سىلىقلىقى ۋە يۇمشاقلىقى زىيادە بولىدۇ، بوش قالغان ئورۇنلارنى تولۇقلايدۇ ۋە نۇرغۇن ئىشلارغا پايدىسى بولىدۇ.
تاھارەت ئالغاندا بەدەننىڭ ئىش-ئەمەل قىلىدىغان ئەزالىرىنى يۇيۇشنى ئويلىنىپ بىقىڭ، يۈزدە ئاڭلاش، كۆرۈش، سۆزلەش، پۇراش، تېتىش قاتارلىق ئەزالارنى قىلدى، بۇ بارلىق گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئېشىكىدۇر، گۇناھ-مەسىيەتكە بۇنىڭدىن كېرىدۇ، ئاندىن ئىككى قولنى قىلدى، ئىككى قول بولسا ئىنساننىڭ ئىككى تەرىپى، ئىككى قانىتىكى ئۇنىڭ بىلەن تۇتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئالىدۇ ۋە بېرىدۇ، ئاندىن ماڭىدىغان ۋە يۈرىدىغان ئىككى پۇتنى قىلدى.
بېشىنى يۇيۇشتا كۆپ قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بېشىنى يۇيۇشنىڭ ئورنىغا مەسىھ قىلىدىغان قىلدى، ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يۇيۇلغان ئورۇنلاردىن خاتالىقنى چېقىپ كېتىدىغان قىلدى، ھەتتا بەدەن مويلىرىدىكى ئاخىرقى تامچە سۈ بىلەن خاتالىقلىرى يۇيىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان ياكى مۆمىن بەندە تاھارەت ئالسا، يۇزىنى يۇسا، ئۇنىڭ يۈزىدىن ئىككى كۆزى بىلەن بىرگە قارىغان خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى يۇيۇش بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن چېقىپ كىتىدۇ، ئىككى قولىنى يۇسا، ئىككى قولىدىن شۇ قولى بىلەن تۇتقان خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى يۇيۇش بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن چېقىپ كېتىدۇ، ئىككى پۇتىنى يۇغاندا، ئىككى پۇتى بىلەن ماڭغان خاتالىقنىڭ ھەممىسى يۇيۇش بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن چېقىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشى گۇناھتىن پاك بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى].
سەھىھ مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى گۈزەل شەكىلدە مۇكەممەل تاھارەت ئالسا، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ھەممە خاتالىقلار چېقىپ كېتىدۇ ھەتتا تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلار بولسىمۇ چىقىپ كېتىدۇ». مانا بۇ تاھارەتنىڭ ئەڭ كاتتا ھېكمەتلىرى ۋە پايدىلىرىدىن بىرىدۇر.
شەرئىي ھۆكۈمدىكى ھېكەمەتلەرگە ئىنكار قىلىدىغان كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: تاھارەت دېگەن: مۇشەققەتلىك، قىيىن بولغان، ئۇنىڭدا ھېچ پايدا بولمىغان ۋە ھېكمەت يولغا قويۇلمىغان بۇيرۇقتۇر، ئەگەر ئۇنىڭدا ھېچ پايدا، ھېكمەت بولمىغاندىمۇ، ئۇ قىيامەت كۈنى باشقا ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا يۈزلىرى، قول-پۇتلىرىنىڭ ئەتراپلىرى نۇرلىنىپ ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان، باشقا ئۈممەتكە نېسىپ بولمىغان بەلگە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بەلگىسى ۋە ئالامىتىدۇر. ئەگەر تاھارەت ئىلىشتا ھېچ پايدا، ھېكمەت بولمىغاندىمۇ تاھارەت ئالغۇچى بەدىنىنى سۇ بىلەن قەلبىنى تەۋبە بىلەن پاكىزلاپ رەببى بىلەن مۇناجات قىلىش، رەببىنىڭ ئالدىدا تۇرۇش ئۈچۈن بەدىنى پاك، كىيىمى پاك ۋە قەلبى پاك ھالەتتە بولۇشقا تەييارلىق قىلىشتۇر، بۇنىڭدىنمۇ كاتتا ھېكمەت، رەھمەت ۋە مەنپەئەت بولامدۇ؟!.
شەھۋەت بەدەننىڭ ھەممىسىدە ھەتتا ھەر بىر تال چاچنىڭ ئاستىدىمۇ ماڭغانلىقى ئۈچۈن، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇشتا شەھۋەت ماڭغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى يۇيىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر تال چاچنىڭ ئاستىدا جۇنابەت بار». سۈننەت ساھىپلىرى رىۋايەت قىلغان، زەئىپ ھەدىس.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر بىر تال چاچنىڭ ئەسلىگە سۇ يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان، بۇنىڭ بىلەن شەھۋەتنىڭ ھارارىتى تۆۋەنلەيدۇ، كۆڭلى تەسكىن تاپىدۇ، دىلى ئاللاھنىڭ زىكرى، قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇش بىلەن خاتىرجەم بولىدۇ". ["كېسەلنىڭ شىپاسى" 229-230-بەتلەر].
ھارقانداق ھالەتتە: شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئويلانغان كىشىگە ئۇنىڭ ھېكمەتلىرى ئېنىق بولىدۇ، ئاللاھ قەلبىنى كۆر قىلىۋەتكەن كىشى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنەلمەيدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، تاھارەت دېگەن گۈزەل ئەخلاقلاردىن بولۇپ، بۇ ئىسلامدىن بۇرۇنقى (ساغلام) شەرىئەتلەردىمۇ ھېچ ئىختىلاپ بولمىغاندۇر.
شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىمىزكى، ھەر قانداق ئەلچى ئۆز قەۋمىنى ئالدى بىلەن قەلبنى شېرىكنىڭ (بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ) كىرلىرىدىن پاكىزلاشقا چاقىرغان، ئاندىن ئىنسانلارنى گۈزەل سۆز-ھەرىكەتلەر، ئېسىل ئەخلاقلارغا، كېيىمىنى، بەدىنىنى يۇنۇش ۋە تاھارەت ئېلىش بىلەن پاكىز تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان، پاسكىنا ۋە نىجىس نەرسىلەرنى يوق قىلىشتا ئىلگىرىكى شەرىئەتلەرنىڭ ھېچ بېرىدە ئىختىلاپ يوق، ھەممىسى ئۇنى يوق قىلىشنى يولغا قويغان، بۇ توغرىدا جىدەللەشكەن ۋە مۇنازىرە قىلغان كىشى باتىل بىلەن جىدەللەشكەن بولىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.