بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئۆزىگە ئېشىنىش دېگەن ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىش بولۇپ، مۇسۇلمان ئۇنىڭغا لايىق بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېرىشىدىغان يوللارنى بىلىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. لېكىن مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى، بىرىنچى: ئۆزىگە ئېشىنىش بىلەن مەغرۇرلۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەنلىك ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان گۈزەل سۈپەتنى ھېس قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىش دېمەكتۇر. ئەگەر بۇنى توغرا شەكىلدە ئىشلەتمىگەندە ئۆزىدە مەغرۇرلۇق، ئۆزىدىن ئەجەپلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئىككىسى بولسا ئىنساننى ھالاك قىلىدىغان كېسەللىكتۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا سىزگە ئاتا قىلغان گۈزەل سۈپەتتىن ئىبارەت بۇ نېمەتنى ئىنكار قىلسىڭىز، سىزگە ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، ئۈمىدسىزلىك يېتىدۇ، ئاللاھنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى زايە قىلىۋەتكەن بولىسىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا * وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا تەرجىمىسى: «نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ، نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ» [سۈرە شەمىس 9-10-ئايەتلەر].
شۇنىڭدەك يەنە بىر مۇھىم مەسىلىگە دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇ بولسىمۇ، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىشىدىن ئۆزىنىڭ توغرا ئىش قىلىشى ۋە بۇنىڭ مۇۋەپپەق بولىشى ئۈچۈن رەببىگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ دېگەنلىك ۋە شۇنىڭدەك، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىش، توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ۋە ئومۇمى كىشىلەرگە ھاجىتى چۈشمەيدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ دائىم رەببىگە دۇئا قىلغاندا: «مېنى كۆز يۈمۈپ-ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن» دەپ دۇئا قىلاتتى.
ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىنىڭ دۇئاسى: ئى ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، مېنى كۆز يۈمۈپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن، مېنىڭ ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىسلاھ قىلغىن، سەندىن باشقا ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5090-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].
بۇ ھەدىسنى نەسائى 10405-نومۇرلۇق ھەدىستە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىنى بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "نەسائىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" بۇنى ئەتتىگەنلىك ۋە كەچلىك زىكىرلەرنىڭ بابىدا كەلتۈرگەن.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن : "پالانى ئۆزىگە بەك ئىشەنچ قىلىدۇ" ياكى پالانىڭ نەزىرىدە ئۆزىگە بەك ئىشەنچ قىلىدۇ"، دېگەن سۆز توغرىمۇ؟ بۇ ھەدىستە كەلگەن: "ئى ئاللاھ! مېنى كۆز يۈمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆزۈمگە قويۇپ قويمىغىن" دېگەن سۆزگە زىت كېلەمدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "بۇنىڭدا ھېچ مەسىلە يوق، "پالانى ئۆزىگە بەك ئىشەنچ قىلىدۇ"دېگەن سۆزنى قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى، بۇنى تەكىتلەش، ئۇنى كەسكىن قىلىش دېمەكتۇر. ئىنسانغا بەزى ۋاقىتتا نىسبەت بېرىلگەن نەرسە ئىشەنچ يولى بىلەن بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا كۈچلۈكرەك گۇمانىغا كۆرە بولىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتتا شەك ۋە ئىككىلىنىش يولىغا كۆرە بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا بولسا كۈچلۈك بولمىغان يولغا كۆرە بولىدۇ، "مەن مۇنداق ئىشەنچ قىلىمەن" ياكى "مەن ئۆزۈمگە بەك ئىشەنچ قىلىمەن دېسە" ياكى "پالانى ئۆزىگە بەك ئېشىنىدۇ، ياكى "دېگەن سۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ" دېگەن سۆزلەردىن بولغان مەقسەت: بۇنىڭدا بەك ئىشەنچ قىلغۇچى دېگەن بولۇپ بۇنىڭغا ھېچ مەسىلە يوق، بۇ ھەدىستە كەلگەن مەشھۇر دۇئاغا زىت كەلمەيدۇ: «ئى ئاللاھ! مېنى كۆز يۈمۇپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن»، چۈنكى ئىنسان ئۆزىدىن بەك ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ئىلىمگە، قۇدرەتكە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرگە ئىشەنچ قىلىدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى" 4-توم 480-بەت].
بۇ بەندىنىڭ رەببىگە بولغان ھاجىتىنىڭ كاتتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ، بەندە جاھىل، نادان، بىلىمسىز، رەببى ھەممىنى بىلگۈچى، بەندە پەقىر، رەببى ھەممىدىن بىھاجەت، بەندە زەئىپ، ئۇنىڭ بۈيۈك رەببى ھەممىدىن كۈچلۈك، بەندە ئاجىز، ئۇنىڭ بۈيۈك رەببى ھەممىگە قادىر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا النَّاسُ أَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ إِلَى اللَّهِ وَاللَّهُ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ(ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر» [سۈرە پاتىر 15-ئايەت].
ئىش ئىككى ئارىلىقتا بولۇپ قالسا، ئۇ كىشى ئۆزىدىن ئەجەپلەنمەيدىغان، ئاللاھدىن غاپىل قالمايدىغان، زەئىپ ئەمەس، ئىككىلىنىپ تۇرمايدىغان، ئىشنى كېچىكتۈرمەيدىغان، ئۈمىدسىز بولمىسا، بەلكى ئۇ كىشى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىشقا قادىر، ئاللاھدىن ياردەم تىلەش بىلەن ئىشلارنى يۈرگۈزىدىغان، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىغان بولسا، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بۇ ماقامغا ئىشارەت قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۆمىن ياخشىدۇر ۋە ئاجىز مۆمىندىن كۆرە ئاللاھقا سۆيۈملۈكتۇر، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى ئۆزەڭگە پايدىلىق ئىشلارغا ھېرىس بولۇشتۇر، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلغىن، ئاجىز ۋاقتىڭدا ساڭا ياقتۇرۇلمايدىغان بىرەر ئىش يەتسە، ئەگەر مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى دېمە، لېكىن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى ۋە ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولدى دېگىن، ھەقىقەتەن ئەگەر دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 2664-ھەدىس].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مۇبارەك ھەدىس ئىماننىڭ ئۇسۇلىدىن بولغان كاتتا ئۇسۇلنى ياكى ئاساسنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرۈش دېگەن سۈپەت بىلەن سۈپەتلەندى، ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدۇ.
ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرىنىڭ تەقەززاسى ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەن نەرسىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كۈچلۈك بولۇپ، كۈچلۈك مۆمىننى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا يېگانە بولۇپ يېگانىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا گۈزەل بولۇپ گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچى بولۇپ بىلىمنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ھەممىدىن پاك بولۇپ پاكلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، مۆمىن مۆمىننى ياخشى كۆرىدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، مۆمىن سەۋېر قىلغۇچى سەۋېر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ، مۆمىن شۈكۈر ئېيتقۇچى بولۇپ، شۈكۈر ئېيتقانلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
بۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرۈشى پەزىلەت بولۇپ، بەزىسىنى بەزىسىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ.
بۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئىنسان بەختلىك بولۇش ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا ئۆزىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە تېرىچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەگەر ئۇ كىشىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىش ئۇنىڭ ھېرىسمەنلىكىگە توغرا كەلسە، بۇنداق ھېرىسمەنلىك ماختىلىنىدۇ، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىنىڭ ھەممىسى بۇ ئىككى ئىشنىڭ جۇغلانمىسىدا بولىدۇ: ھېرىسمەن بولۇش ۋە ھېرىسمەنلىكنىڭ ئۆزىگە مەنپەئەتلىك بولغان نەرسىدە بولىشى. ئەگەر ئۆزىگە مەنپەئەتى بولمىغان نەرسىگە ھېرسىمەن بولسا ياكى ھېرىس بولماستىن ئۆزىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن يوقۇتۇپ قويغان نەرسىنىڭ ھېسابى بىلەن مۇكەممەللىكتىن يوقۇتۇپ قويدى، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە مەنپەئەتلىك بولغان نەرسىگە ھېرىس بولۇشتا بولىدۇ.
ئىنساننىڭ ھېرىسمەنلىكى، قىلغان ئىشى ئۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى، خالىشى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن بولغاندا: ئۇ كىشىگە: ئى ئاللاھ مەن پەقەت سىلىگىلا ئىبادەت قىلىمەن ۋە سىلىدىنلا ياردەم سورايمەن دېگەن ئالى ئورۇننىڭ جۇغلىشىشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ ئىشى ئاللاھدىنلا ياردەم ئېلىش بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشقا ھېرىسمەن بولىشى دېگەن ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنغان ئىبادەتتۇر، ئىبادەتمۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن تامام بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئىشى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھتىن ياردەم سوراش بولىدۇ.
ئاندىن مۇنداق دېدى: "ئاجىز بولسا" ھەقىقەتەن ئاجىزلىق ئۆزىگە پايدىلىق بولغان نەرسىگە ھېرىس بولۇشقا زىت كېلىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالادىن ياردەم تېلەشكىمۇ زىت كېلىدۇ، ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىشقا ھېرىس بولۇش ۋە ئاللاھ تائالادىن ياردەم ئېلىش بولسا ئاجىزلىقنىڭ زىتتىدۇر، بۇ ھاسىل بولۇش سەۋەبىدىن كاتتا بولغان تەقدىرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىلگىرى ئۇ كىشىنى توغرا يولغا يېتەكلەشتۇر، بۇ ئۆزىگە پايدىلىق بولغان نەرسىگە ھېرىس بولۇش بىلەن بارلىق ئىشلارنىڭ تۇتقۇسى قولىدا بولغان، بارلىق ئىشلارنىڭ مەنبىيى ئۇنىڭدىن بولغان ۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايتىدىغان زاتتىن ياردەم ئېلىشتۇر.
ئۆزىگە تەقدىر قىلىنمىغان ئىشنى يوقۇتۇپ قويۇشنىڭ ئىككى تۈرلۈك ھالىتى بولىدۇ: ئاجىزلىق ھالىتى، بۇ شەيتاننىڭ ئىشىنىڭ ئاچقۇسىدۇر، شەيتان ئاجىزغا "ئەگەر" دېگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇ يەردە "ئەگەر" دېگەننىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بۇ "ئەگەر" دېگەن مالامەت، نالە قىلىش، ئۆچ كۆرۈش، ئەپسۇسلىنىش ۋە قايغۇنىڭ ئاچقۇسىدۇر، بۇنىڭ ھەممىسى شەيتاننىڭ ئىشىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئاچقۇچ بىلەن شەيتاننىڭ ئېشىنىڭ ئېچىلىشىدىن چەكلىگەن. ئۇ كىشىنىڭ ئىككىنچى ھالەتتىكى ئىشى بولسا: تەقدىرىگە نەزەر سېلىش ۋە ئۇنى مۇلاھىزە قىلىشتۇر، ئەگەر ئۇ كىشىگە بۇ ئىش تەقدىر قىلىنغان بولسا، ئۇنى يوقىتىپ قويمايتتى ۋە ئۇ كىشىگە ھېچ كىشى غالىپ كەلمەيتتى، ئۇ كىشىگە بۇ يەردە تەقدىرگە ۋە تەقدىرنىڭ تىپىلىشىنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئىجرا بولىدىغان خالىشىغا شاھىت بولۇشتىنمۇ مەنپەئەتلىك بىر نەرسە قالمىدى. تەقدىر بولمايدىكەن ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىمۇ بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا: بىر ئىش ساڭا غالىپ كەلسە، مەن مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى دېمىگىن، لېكىن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى ۋە خالىغىنى بولدى دېگىن دېدى. شۇ ئارقىلىق ئۇ كىشىنى ئىككىلا ھالەتتە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشقا يېتەكلىدى. تەلەپ قىلىنغان نەرسىنىڭ ھاسىل بولۇش ھالىتى ۋە ئۇنى يوقۇتۇپ قويغان ھالىتىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەدىس ھېچ بىر كىشى ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان، بەلكى ھەممە بەك ئېھتىياجلىق بولىدىغان، تەقدىرنى ئىسپاتلاشنى، ئەمەل قىلىشنى، تەقدىرنى، ئاشكارا-يوشۇرۇن ھالەتتە ۋە تەلەپ قىلىنغان نەرسىنىڭ ھاسىل بولۇش ھالىتى ۋە ئۇنىڭ ھاسىل بولمىغان ھەر ئىككى ھالەتتە بەندىچىلىكنى تۇرغۇزۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ھەدىستۇر. ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى بۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. ["كېسەلنىڭ شىپاسى" 18-19-بەتلەر].
بۇ يەردە يەنە بەندە ئىستىخار قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق رەببىگە يالۋۇرۇپ ئۆزىگە ئالاقىدار بولغان ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئىستىخارە دۇئاسىنىڭ ئەۋۋىلىدە بەندە مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدىرتىڭگە سېغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭنى سورايمەن، سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن، سەن پۈتۈن غەيىپلەرنى بىلگۈچىسەن". بىز بۇ توغرىدىكى سۆزنى 11981 - 2217 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق.
بىزنىڭ قارىشىمىزچە مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى زىيادە قىلىدىغان ئىشلاردىن:
1-رەببىگە ئىشەنچ قىلىش، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىش، ئۇنىڭ كۈچلاندۇرىشىنى ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، مۇسۇلمان كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىكمۇ رەببىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ، بىز يۇقىرىدا سۆزلىگەندەك، ئۆزىگە ئىشىنىش دېگەنلىك، تىرىشچانلىق بىلەن ئېرىشىدىغان ئىش، مۇسۇلمان رەببىنىڭ ئۆزىنى توغرىلاپ قويۇشىغا، مۇۋەپپەق قىلىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، رەببىگە بولغان ئىشەنچىسى قانچە كۆپ ۋە كۈچلۈك بولغانسېرى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە بولىدۇ.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىنى ئېلىپ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىدىن قاچقاندا، كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن زور قوشۇننى كۆردى، بىز بۇ يەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ رەببىگە بولغان زور ئىشەنچىسىنى كۆردۇق. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلَمَّا تَرَاءَى الْجَمْعَانِ قَالَ أَصْحَابُ مُوسَى إِنَّا لَمُدْرَكُونَ. قَالَ كَلَّا إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهْدِينِ تەرجىمىسى: «ئىككى توپ (يەنى پىرئەۋن توپى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توپى) بىر ـ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: «ئۇلار: (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنى) بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېدى، مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ». [سۈرە شۇئەرا 61-62-ئايەتلەر].
2-ئۆزىنىڭ نەپسى قۇۋۋىتى تەرەپتىن ئىزدىنىش ۋە ئۇنى زىيادە قىلىش، پۇختىلىق تەرەپتىن ئۇنى گۈللەندۈرۈش، ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىك تەرەپتىن ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچلەندۈرۈش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇ ئىنسانغا ئاتا قىلغان پۇختا ئىشلار ۋە سۈپەتلەرگە ئىشەنچ بىلەن نەزەر سېلىش، ھەتتا بۇ سىزنى ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىزنى كۇچلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئاجىزلىق تەرەپتىن بولسا، سىزنىڭ ئۇ ھالەتنى ئىسلاھ قىلىشىڭىز، ياراملىق قىلىشىڭىز ۋە ئۇنى پۇختا ھەرجەھەتتىن مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.
3-مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۇچلاندۇرىدىغان ۋاستىلەر توغرىسىدا ئىزدىنىش بەك مۇھىمدۇر. خۇددى ئۆزىگە ئىشەنچ يوقلىقى ياكى ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىشلارغا مۇۋەپپەق بولالمايدىغانلىقى دېگەندەك ئۆزىنى چۈشۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.
4-مۇسۇلمان ھاياتىدا بەلگىلەنگەن بىر نىشاننى بېكىتىشى كېرەك، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن كېلىپ چېقىدىغان نەتىجىگە مۇراجىئەت قىلىش لازىم، چۈنكى ئۆزىگە ئىشەنچ قىلغان كىشى ئۆز نىشانىنىڭ ئەمەلىلىشىدىغانلىقى، پىلانىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا گۈزەل نەتىجىنى ئاتا قىلىدۇ.
5-مۇسۇلمان ياخشى سۆھبەتداشلارغا ھەمراھ بولىشى لازىم، چۈنكى بۇ، ئۇ كىشىدىكى ئۇتۇق قازىنىش كۆرۈنىشىنى كۇچلاندۇرىدۇ، خۇرسەنلىك بولىدۇ، تىخىمۇ كۆپ ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئاجىزلىق تەرىپىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن بەلكى ئۇ كىشىنى ئەڭ ئەۋزەل يولغا يېتەكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئامىللىرىدىن بىرى بولىدۇ.
6-ئىلگىرىكى قوپال تەجرىبىلەر، ئۇتۇق قازىنالماسلىق باسقۇچلىرى بىلەن مەشغۇل بولماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۆزىدە بولغان ئۇتۇق قازىنىش ئىرادىسى تەۋرىنىپ قالىدۇ، مۇسۇلمان بۇنداق بولۇشنى خالىمايدۇ.
ئۈچىنچى: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ بارلىق تەسەررۇپاتلىرى ۋە قىلىش مۇمكىن بولىدىغان ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ تاقىتى كۈچى يېتىدىغان دەرىجىدە بېكىتىشى لازىم.
ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئاچچىقلىنىش، مۇسۇلمان ئۆزىگە ئىشەنگەندە، ئۆزىنى تۈزەش، پاكلاش ۋە ئاللاھنىڭ پىرىنسىپىنى لازىم تۇتۇشقا تەربىيلىگەندە، رەببىنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئاچچىقلىنىشنىڭ يامانلىقى ۋە خاتالىقىدىن قۇتۇلۇشقا قادىر بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدۇ. بۇ ئىش بۇنى ۋاقىئە يۇز بەرگەن جايدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كىشىگە بەك ئوڭاي ۋە بەك ئاسان بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى، ئۇ كىشىدە نەپسىنى تازىلاش ۋە پاكلاشتىن مەقسەت قىلغان ئىشىنى مۇكەممەل قىلىشى ئۈچۈن بەك كۆپ ھىممەت بولىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە 45647 - 659 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا ئاچچىقىغا ھاي بېرىشنىڭ شەرئى يوللىرىنى تەپسىلى بايان قىلدۇق. بۇمەسىلە بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا قاراپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
غەزەپلىنىش-ئاچچىقلىنىشتىن قۇتۇلۇشقا رىغبەتلىنىدىغان كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك. ئەھۋال بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك، گەپ بەك كۆپ، ئەمەلىي ئىش ئاز، نەپسىنى پاكلاش ۋە پاكلاشقا رىغبىتى بولغان كىشى ئەمەل قىلىشقا، رەببى بۇيرىغان ئىشنى ئىجرا قىلىشقا، چەكلىگەن نەرسىدىن يېنىشقا ئالدىرىسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ خالىسا ئۇتۇق قازانغۇچىلاردىن بولىدۇ.
ئىنسان ئۆزىنى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا يېتىلدۈرسە نەپسى بۇنىڭغا ئادەتلىنىدۇ.
بىز ئىلگىرى 22090 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا مۇسۇلمان ئۆزىنى قانداق تەربىيەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.