بىرىنچى: تۇمار ئېسىش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر.
بىز سوئال سورىغۇچى سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەدىسلەرنىڭ ئۆزىنى تاپالمىدۇق، چۈنكى سوئالدا "مۇئاتتا"نىڭ 50 – بەت ياكى 50-باب دېگەندەك ئېنىقسىزلىق بار، ئەسلىدە "مۇئەتتا" بىر توملۇق كىتاب.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تۇمار ئېسىشقا ئالاقىدار بولغان ھەدىسلەردىن مۇمكىن بولغانلىرىنى زىكىر قىلىمىز ۋە ئالىملارنىڭ بۇ توغرىدىكى ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىمىز، بەلكىم بەزىلىرى سوئال سورىغۇچى مەقسەت قىلغان ھەدىسلەردىن بولىشى مۇمكىن:
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئون تۈرلۈك ئىشنى ياقتۇرمايتتى: «ئەرلەرنىڭ سېرىق رەڭلىك خۇشپۇراق بۇيۇملارنى ئىشلىتىشىنى، ياشانغانلىق ئالامەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنى، تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىيىمنى سۆرەلتىپ كېيىشنى، ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك سېلىشنى، يۈزىگە ئۈرۈپ يىغلاشنى، ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيىشىنى، مۇۋاپىق بولمىغان ئورۇندا زىبۇ-زىننەت ۋە پەداز قىلىپ يېرىم-يالىڭاچ يۈرۈشنى، مۇئەۋۋىزات سۈرىلىدىن باشقا نەرسىلەر بىلەن رۇقىيە ئوقۇشنى، تۇمار ئېسىشنى، مەنىينى ئۆز ئورنىنىڭ غەيرىگە چېقىرىۋېتىشنى (ئەزلى قىلىشنى)، ئەمما بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ سەبىنىڭ سۇتىنى بۇزۇشنى ھارام دېمىگەن لېكىن ياقتۇرمايتتى». [نىسائى رىۋايىتى50880 – ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4222-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى زەئىپ دەپ "نەسائىينىڭ زەئىپ ھەدىسلىرى" 3075-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «تۇمار ئېسىش ۋە تەۋلە ئېسىش شېرىكتۇر»، نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسىز؟ دەپ سوراپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! كۆزۈمدىن بىر نەرسە چۈشىدىغان بولۇپ قىلىپ پالانى يەھۇدىينىڭ يېنىغا بېرىپ تۇراتتىم، ئۇ ماڭا رۇقىيە ئوقۇپ قوياتتىى، شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمنىڭ ئاغرىقى توختايتتى، ئابدۇللاھ بۇنى ئاڭلاپ ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى : ئۇ شەيتاننىڭ ئىشى، شەيتان قولى بىلەن كۆزگە ئۇرىدۇ، رۇقىيە ئوقۇغاندا توختايدۇ، سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەنگە ئوخشاش بۇ دۇئالارنى دېسىڭىز كۇپايە قىلىدۇ: «ئىنسانلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ! قېيىنچىلىقىمنى كەتكۈزىۋەتسىلە، سىلە شىپالىق ئاتا قىلسىلا، قايتا كېسەل بولمايدىغان شىپالىق ئاتا قىلسىلا». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3883-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى3530-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 331- ۋە 2972-نومۇرلۇق ھەدىسلەردە كەلتۈرگەن].
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: «كىمكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ ئادەمنىڭ ئىشىنى تامام قىلمايدۇ، كىمكى كۆز تىگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر نەرسە ئېسىۋالىدىكەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى ساقلىمايدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى16951-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى زەئىپ دەپ"زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى" 5703-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئۇقبە ئىبنى ئامىر جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر گورۇھ كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ بەيئەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى، بىر كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزدىن توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدىلا، بىر كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ بوينىدا تۇمار بار ئىكەن» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قولى بىلەن تۇمارنى ئۈزۈپ ئېلىۋەتتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «كىمكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، شېرىك كەلتۈرگەن بولدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 16969 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ " دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 492-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈردى].
ئىككىنچى: تۇمار ئېسىشنىڭ ھۆكمى.
تۇمار دېگەن: يامانلىقنى يوق قىلىش، مەنپەئەتنى جەلىپ قىلىش بولۇپمۇ كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېچىك بالىلارنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ بوينىغا ئېسىۋالىدىغان ياكى ئۆيلەرگە قويىۋالىدىغان، ماشىنىغا ئېسىۋالىدىغان تەسۋىھ، كۆز مۇنچاق، تۈرلۈك سۆڭەكلەردىن ئىبارەتتۇر.
تۆۋەندە تۇمارنىڭ تۈرلىرى، ئۇنىڭ ھەر بىر تۈرىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى ئالىملارنىڭ سۆزلىرى، بۇ توغريدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەۋسىيەلىرىنى بايان قىلىمىز:
شەيخ سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلۋاھاب رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ساھابىلار تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۆلىمالار قۇرئان ئايەتلىرى، ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئالى سۈپەتلىرى يېزىلغان تۇمارنى ئىسىشنىڭ دۇرۇس بولىشى توغريسىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى:
بىر قىسىم ئالىملار: بۇ شەكىلدىكى تۇمارنى ئېسىش دۇرۇس دەپ قارىغان، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ساھابىلاردىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس ۋە باشقىلار، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىمۇ شۇنداق، ئەبۇ جەپەر باقىرمۇ بۇ قاراشتا بولغان، ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەت بار، ئۇلار ھەدىسنى شېرىك بولغان تۇمارغا قاراتقان، ئەمما قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم، سۈپەتلىرى بولغانلىرىنى رۇقىيە دۇئاسىغا ئوخشاتقان. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھنىڭمۇ بۇ قاراشنى تاللىغانلىقى ئېنىق.
بىر قىسىم ئالىملار : بۇ شەكىلدىكى تۇمارنى ئېسىشمۇ توغرا بولمايدۇ دەيدۇ، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىقلار دۇرۇس بولمايدۇ دېگەن. ھۈزەيپە، ئۇقبە ئىبنى ئامىر ۋە ئىبنى ئەكىيم -ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن-قاتارلىق ساھابىلارنىڭ سۆزىدۇر. تابىئىنلاردىن بولغان بىر قىسىم ئالىملار، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بۇ توغرىدا بىر رىۋايەت بار، نۇرغۇن ساھابىلار بۇ قاراشنى تاللىغان، كېيىنكى ئالىملارمۇ بۇ قاراشنى كەسكىنلەشتۈرگەن، ئۇلار تۇمار ئېسىش شېرىك بولىدۇ دېگەن ۋە ئۇنىڭ مەنىسىدىكى ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىپ ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى ئومۇمنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قۇرئان ئايەتلىرى يىزىلغىنى بولسۇن ياكى باشقا تۈردىكى بولسۇن ئۇنى ئايرىمىغان، رۇقىيە دۇئاسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار تۇمار بىلەن رۇقىيەنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان. يۇقىرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغاندەك، ساھابىلارنىڭ بۇ ھەدىسلەرنى ئومۇم دەپ چۈشىنىشىمۇ بۇ قاراشنى كۇچلاندۇرىدۇ.
ئەبۇ داۋۇدنىڭ ئىيسا ئىبنى ھەمزە دىن قىلغان رىۋايىتىدە: ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەكىيمنىڭ يېنىغا كىرسەم، ئۇنىڭ چېرايىدا قىزغۇچ بىر ئالامەتلەر بار ئىكەن، مەن: تۇمار ئېسىۋالسىڭىز بولمامدۇ؟ دېسەم، ئۇ كىشى: تۇمار ئېسىۋېلىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەيمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇمار ئاسقان كىشى ئۇنىڭغا تاپشۇرىلىدۇ.. دېگەن» دېدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلىرى ئالىملارنىڭ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى يىزىلغان تۇمارنى ئېسىش توغرىسىدىكى پەرقلىق قاراشتۇر. ئۇنىڭ غەيرىدىكى شەيتاننىڭ ئىسىملىرى بىلەن رۇقىيە قىلىش، تۇمار قىلىپ ئېسىۋېلىش، بەلكى ئۇلارغا ئالاقىدار بولۇش، ئۇلاردىن پاناھلىق تىلەش، ئۇلارغا ئاتاپ مال بوغۇزلاش، زىياننى يوق قىلىپ، پايدىنى جەلىپ قىلىشنى تېلەپ ئۇلارغا يالۋۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوچۇق شېرىكتۇر، بۇ ئىش ئاللاھ تائالا سالامەت قىلغان كىشىلەردىن باشقا ئومۇمى ئىنسانلاردا بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ساھابىلار ۋە تابىئىنلارنىڭ تۇتقان يولى، ئۇلاردىن كېيىنكى ئالىملارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ۋە بۇنىڭدىن باشقا مەسىلە توغرىسىدا زىكىر قىلغان سۆزلىرىنى ئويلىنىپ بىقىڭ!، ئاندىن كېيىنكى دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىغىنىڭىزدا، سىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ ھازىر ھەممە ئىشتا غۇربەتتە قالغانلىقى ئېنىق بولىدۇ. بىزگە ئاللاھ ياردەم بەرسۇن". ["تەيسىيرىل ئەزىزىل ھەمىيد" 136-138-بەت].
شەيخ ھاپىز ھەكەمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئەگەر تۇمار ئوچۇق بولغان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدىن بولسا ئۇنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا پەرقلىق قاراشنىڭ بارلىقى ئېنىقتۇر.
سەلەپ ئالىملىرىدىن بەزى كىشىلەر بۇنى ئېسىشنى دۇرۇس دەپ قارىدى، بۇنىڭغا: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ۋە ئەبى جەپەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلىدىن ۋە باشقا سەلەپلەردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەرنى دەلىل قىلدى.
يەنە بەزى ئالىملار بۇنىڭدىن چەكلىدى، بۇنى ئېسىشنى ياقتۇرمىدى ۋە دۇرۇس دەپمۇ قارىمىدى، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئەكىيم، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭ يارەنلىرىدىن: ئەسۋەد، ئەلقەمە، ئۇلاردىن كېيىن ئىبراھىم نەخەئى ۋە ئۇلاردىن باشقا ئالىملار-ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن.
ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن چەكلەش بولسا بولۇپمۇ مۇشۇ زاماندا چەكلەنگەن خاتا ئېتىقادقا چۈشۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر، چۈنكى قەلبىدە ئىمان تاغدەك مۇستەھكەم، پاك ۋە شەرەپلىك ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە ياشىغان كۆپچىلىك ساھابىلار، تابىئىنلار بۇ شەكىلدىكى تۇمارنى ئېسىشنى ياقتۇرمىغان تۇرسا، بىزنىڭ ھازىرقى پىتنە-جاھالەتكە تولغان زامانىمىزدا بۇنىڭدىن چەكلەش ئەلۋەتتە يوللۇق ۋە توغرا بولىدۇ، ئەگەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنسا، ئۇلار بۇ رۇخسەتنى ساپ ھارام بولغان ئىشلارغا يېتىش ئۈچۈن ھىلە بىلەن ۋاستە قىلىدۇ .
ئۇلارنىڭ ھارامغا ئىلىپ بارىدىغان ۋاستىلىدىن: ئۇلار پاناھلىق تىلەش ئايەتلىرىنى ياكى ئايرىم بىر سۈرىنى ياكى بىسمىللاھ ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرنى يېزىپ ئاندىن ئۇنىڭغا ئاستىغا شۇ خەتنى يازغان ئادەمدىن باشقىسى ئوقۇيالمايدىغان ۋە بىلەلمەيدىغان شەيتانى بىر نەرسىلەرنى يىزىپ قويىدۇ.
يەنە ئۇلار بۇنىڭ بىلەن ئومۇمى كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىشتىن توسۇپ، ئۆزلىرى يازغان نەرسىلەرگە ئالاقىدار قىلىپ قويىدۇ، بەلكى بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئىنسانلارغا بىرەر ئىش بولمىسىمۇ كۆڭلىدە تەۋرىنىش پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شەيتانلاردىن بىرى ئالدامچىلىق قىلىپ مېلىنى ئېلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئۇ ئادەمدە بىرئاز مەسىلە بولۇپ، ئۇ كىشىگە مۇنداق دەيدۇ: سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە ياكى مېلىڭىزغا ياكى جېنىڭىزغا مۇنداق، مۇنداق خەۋپ يېتىدىغاندەك قىلىدۇ دەيدۇ ياكى: سىز بىلەن جىن بار ئىكەن دېگەندەك ئۇ ئادەمگە قورقۇنچلىق ئىشلارنى سۈپەتلەپ، شەيتانى ۋەسۋەسىنى باشلايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ناھايتى سەمىمى، پاراسەتلىك، بەك كۆيۈمچان ۋە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ھېرىسمەن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، بۇ نادان-جاھىل ئادەمنىڭ كۆڭلى ئۇ ئېزىتقۇ شەيتان سۈپەتلەپ بەرگەن قورقۇنچلىق ئىشلار بىلەن تولغاندا، ئۆز رەببىدىن يۈز ئۆرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇ يالغانچى دەججال، شەيتانغا يۈزلىنىدۇ، ئاللاھنى قويۇپ ئۇنىڭدىن مەدەد، ياردەم تەلەپ قىلىپ: سىز سۈپەتلىگەن بۇ قورقۇنچلۇق ئىشلاردىن قانداق قۇتىلىمەن؟ بۇنىڭدىن قانداق ساقلىنىمەن؟ دەپ، گوياكى پايدا-زىيان ئۇنىڭ قولىدا بولىدىغاندەك ئۇنىڭغا يالۋۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئازدۇرغۇچى شەيتاننىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ، كۈتىدىغان تاماسى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆپ مال ئۈندۈرۈش ئۈچۈن ئۇ جاھىلغا: ماڭا مۇنچىلىك بىر نەرسە بەرسەڭ، مەن ساڭا تۇمار پۈتۈپ بېرىمەن دەپ نۇرغۇن يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ئۇزۇنلىقى مۇنداق، كەڭلىكى مۇنداق، نەقىشلىرى مۇنداق بولىدۇ، بۇ سىنى يەنە نۇرغۇن كېسەللىكتىن ساقلايدۇ دەيدۇ. سىز مۇشۇنداق خاتا ئېتىقادنى كېچىك شېرىكتىن دەپ ئويلامسىز؟ ياق، بەلكى بۇ ئاللاھنىڭ غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالغانلىق، ئاللاھنىڭ غەيرىگە تەۋەككۇل قىلغانلىق، ئاللاھدىن باشقىغا ئىلتىجا قىلغانلىق، مەخلۇقنىڭ ئىشلىرىغا مايىل بولۇپ ئۇلارغا دىنىنى تارتقۇزۇپ قويغانلىق، شەيتاننىڭ مۇشۇنداق ھىلە-نەيرەڭلىرىنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئىنساندىن بولغان شەيتانلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ مَن يَكْلَؤُكُم بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ مِنَ الرَّحْمَٰنِ ۗ بَلْ هُمْ عَن ذِكْرِ رَبِّهِم مُّعْرِضُونَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر» [سۈرە ئەنبىيا 42-ئايەت].
ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ شەيتانى تىلسىمىغا قۇرئان ئايەتلىرىدىن بەزىسىنى يېزىپ قويىدۇ، بونى جۇنۇپ، تاھارەتسىز بوينىغا ئېسىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھاجەتخانىغا كېرىدۇ، چوڭ-كېچىك تاھارەت سۈندۇرىدۇ، ئۇ جاھىل ئۆزىدە تۇمالار بولىدىكەن ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىنى مۇقەددەس بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئاشۇ ئىسلامنى دەۋا قىلىۋاتقان زىندىق مەلئۇنلار تۆۋەن كۆرگەن دىن دۈشمەنلىرىمۇ تۆۋەن كۆرمىگەن، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى پەقەت تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىش، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش، خەۋەرلىرىنى تەستىقلاش، بەلگىلىمىلىرىدە توختاش، مىساللىرىدىن ئىبرەت ئېلىش، ۋەقەلىكلىرىدىن ۋەز-نەسىھەت ئېلىش، ئۇنىڭ ھەممىسى رەببىمىز ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن دەپ ئېتىقاد قىلىش ۋە ئىمان ئېيتىش ئۈچۈن نازىل قىلدى، ئاشۇ بەدبەختلەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش مەقسەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىپ ئۇنى ئارقىسىغا تاشلىۋەتتى، قۇرئان كەرىمنىمۇ ھالالغا ئەمەس بەلكى ھارام يېيىشكە يېتىدىغان باشقا سەۋەپلەرگە ئوخشاش ئۇنىڭدىن كەسىپ قىلىپ يېيىش ئۈچۈن ئۇنىڭ شەكلىنى ساقلاپ قالدى، ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى ۋەزىر ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىرەر ۋالى ياكى خىزمەتچىگە بىر خەت يېزىپ، ئۇنىڭغا: مۇنداق ئىشنى قىلغىن، مۇنداق ئىشنى قىلمىغىن، سىلەر تەرەپتىكىلەرنى مۇنداق ئىشقا بۇيرىمەن ياكى مۇنداق ئىشتىن چەكلەيمەن دېسە، ئۇ كىشى بۇ خەتنى ئېلىپ، (ئۇنى ئوقۇماي، بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن ئىش توغرىسىدا ئويلانماي) ئۇنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان كىشىلەرگىمۇ يەتكۈزمىسە، يەنى ئۇنى ئېلىپ بوينىغا ياكى بەدىنىدىن بىر جايغا ئېسىۋالسا، ئۇنىڭدا يېزىلغان ھېچ ئىشقا پەرۋا قىلمىسا، پادىشاھ ئۇ ئادەمنى بۇ قىلمىشىغا كۆرە قاتتىق جازالايدۇ ۋە دەرتلىك ئازاپنى تېتىتىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھى، ئاسمانلار ۋە زېمىندا تەڭدىشى، ئوخشىشى بولمىغان، ئىلگىرى ۋە ئاخىرغىچە بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئۇنىڭغا خاس بولغان، ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قايتىدىغان، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىنىدىغان، ئۇنىڭ تەۋەككۇل قىلىنىدىغان، ئۇ ھەممىگە كۇپايە قىلىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد بولمىغان، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىنىدىغان، بۈيۈن ئەرشنىڭ ساھىبى بولغان ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى تۆۋەن كۆرگەن ئادەمنىڭ ئاقىۋېتى نېمە بولماقچى؟، ئەگەر ئۇ تۇمار قۇرئان-ھەدىسنىڭ غەيرىدىن پۈتۈلگەن بولسا، ئۇ ئوچۇق شېرىكتۇر، بەلكى ئۇ توغرا ئىسلامدىن يېراق بولغان بۇتقا تېۋىنىشنىڭ قىسىملىرىدىندۇر.
ئەگەر تۇمار قۇرئان-ھەدىسنىڭ غەيرىدىن بولغان، يەھۇدىلارنىڭ ياكى بۇتقا، ھەيكەلگە، پەرىشتىگە چوقۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ جىنلارنى ياكى ئۇلاردىن باشقىلار ئىشلىتىش ئارقىلىق پۈتۈلگەن تىلسىملىرىدىن، بوينىغا ئاسىدىغان تاشلاردىن، يىپلاردىن، يۇمۇلاق تۆمۈردىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن بولسا بۇنى ئېسىۋېلىشنىڭ ئۆزى شەكسىز شېرىكتىن بولىدۇ، چۈنكى بۇ دۇرۇس بولغان سەۋەپلەر ياكى تونۇشلۇق بولغان داۋالىنىش ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇلارنىڭ ساپ ئېتىقادىدا، بۇ تۈرلۈك دەرت ئەلەملەردىن ساقلايدۇ، بالا-قازادىن مۇداپىئە قىلىدۇ، تۈرلۈك كېسەل ۋە كۆز تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ دەپ قارىلىدۇ، بۇ خۇددى ئىلگىرىكى جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ بۇتقا چوقۇنۇش ياكى بۇتنىڭ ئالدىدا پال ئوقلىرىنى ئېچىپ ئۇنىڭغا كۆرە ئىش قىلىش دېگەن ئادەتلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر، جاھىلەت ئەھلى بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا ئۈچ تانە پال ئوقىنى چېقىراتتى. بىرىگە قىلما، يەنە بىرىگە: قىل، ئۈچىنچىسىگە بىلنىمىدى دەپ يىزىلغان بولۇپ، ئۇلار پال سېلىپ قىل دېگەن ئوق چىقسا، شۇ ئىشنى قىلاتتى، قىلما دېگەن ئوق چىقسا ئۇ ئىشنى قىلمايتتى، بىلىنمىدى دېگەن ئوق چىقسا، قايتىدىن پال ئاچاتتى، ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇنكى، ئاللاھ تائالا بىزلەرگە ئۇنىڭ ئورنىغا بىر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا ئىستىخارە نامىزى ۋە دۇئا قىلىشنى ئالماشتۇرۇپ بەردى.
مەقسەت: قۇرئان ۋە ھەدىستىن باشقا نەرسىلەر بىلەن پۈتۈلگەن بۇ تۇمارلار ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدىن يىراقلاپ كىتىش، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە زىت ئىش قىلىش ۋە بۇزۇق، پاسىق ئېتىقاد جەھەتتە ئىلگىرىكى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ شېرىك بولغان پال ئوقى سېلىش ئىشىغا ئوخشايدۇ، ئىخلاسمەن ساپ تەۋھىد ئەھلى بۇنداق ئىشلاردىن بەك يىراق، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىمان بۇنداق نەرسىلەرنىڭ كۆڭلىگە كېرىشتىن بەك كاتتىدۇر، ئۇلار پەزىلەتلىك، ئۇلۇغ، ئىتىقادى كۈچلۈك، ئاللاھنىڭ غەيرىگە تەۋەككۇل قىلمايدىغان ۋە ئىشەنچ قىلمايدىغان ئىشەنچكە تولغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن". ["مەئارىجىل قەبۇل" 2-توم 510-512-بەتلەر].
تۇمار قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىستىن پۈتۈلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭدىن چەكلەش كېرەك دېگەن قاراشتا بولغانلاردىن:
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن باشقا نەرسىلەر يېزىلغان تۇمارنى ئېسىشنى ھارام دەپ قارىغان، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېزىلغان تۇمارنى ئېسىش مەسىلىسىدە پەرقلىق قاراشتا بولغان، بەزىلىرى دۇرۇس دېگەن، بەزىلىرى چەكلىگەن، يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمى بولغانلىقى ئۈچۈن چەكلىگەن قاراش كۈچلۈكتۇر. شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار. ["دائىمى كومىتېت پەتىۋاسى" 1-توم 212-بەت].
شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ: مۇشۇ ئۈممەتنىڭ سەھرادا ياشايدىغان، دىخانچىلىق قىلىدىغان ۋە بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئازغۇنلۇق داۋام قىلىۋاتىدۇ، بەزى شوپۇرلار ماشىنىسىنىڭ ئېچىدىكى ئەينەككە تەسبىھكە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئېسىۋالىدۇ، بەزىلىرى ماشىنىسىڭ ئالدى تەرىپىگە ياكى كەينى تەرىپىگە كونا كەشنى ئېسىپ قويىدۇ، بەزىلەر ئاتنىڭ پۇتىغا ياكى يېڭى سالغان بىناسىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ياكى دۇكاننىڭ ئالدىغا شۇنداق نەرسىلەرنى قويۇپ قويىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسىنى كۆز تېگىشتىن ياكى باشقا بالا-قازالاردىن ساقلىنىمىز دېگەن قاراش بىلەن تەۋھىدتىن يىراق باتىل قاراش، شېرىك ئېتىقاد بىلەن قىلىدۇ. بۇ شېرىك ۋە بۇتپەرەسلىكنى يوق قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەن ۋە كىتاپ نازىل قىلىنغان مەقسەتكە زىت بولىدۇ، بۈگۈنكى كۈندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جاھىل-نادانلىقىدىن، توغرا دىندىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلىمىز". ["سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" 1-توم 890-بەت. (492)].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.