1,079

ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئەزاغا نىسبەتەن نېمە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ؟

سوئال: 105353

بىر كىشى ھادىسىگە ئۇچراپ قولى ياكى پۇتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزى ۋاپات بولمىغان بولسا ئۇنىڭدىن ئۈزۈلگەن ئەزانى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنى يۇيۇپ، نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىش كېرەكمۇ، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ھايات كىشىدىن ئۈزۈلگەن ئەزا قايسى سەۋەپ بىلەن بولسۇن، ھادىسىگە ئۇچرىغان ياكى جازا بىلەن كېسىلگەن بولسۇن، ئۇ يۇيۇلمايدۇ، نامىزى ئوقۇلمايدۇ لېكىن پاكىزە رەختكە ئوراپ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنىدۇ. ئەگەر ئەتراپىدا قەبرىستانلىق بولمىسا ئاياغ-ئاستى قىلىنمايدىغان پاك يەرگە كۆمىۋېتىلىنىدۇ.  ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن".

   پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان قاتارلىقلار.  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  8 -توم 448 -بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android